باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

قىرغىزىستان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ھەر يىلى يېڭىلايدىكەن

2017.04.07 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىشكەك خەۋىرى: قىرغىزىستان پارلامېنتى 5- ئاپرېل « <تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇن> تۈزىتىلمىسى»نى ماقۇللىدى. مەزكۇر قانۇندىكى بەلگىلىمىدە كۆرسىتىلىشىچە، قىرغىزىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى ھەر يىلى مەزكۇر قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، دۆلەتتە ھەرىكىتى مەنئى قىلىنغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تىزىملىكىنى يېڭىلاپ تۇرىدىكەن.

  مەزكۇر قانۇننىڭ تۈزىتىلمىسىگە ئاساسەن، قىرغىزىستان سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ھەرىكىتى مەنئى قىلىنغان خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتىمۇ بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن، بۇ خىل تىزىملىك ھەر يىلى قىرغىزىستاندىكى قەغەزلىك تاراتقۇلار ۋە ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنىدىكەن.

  قىرغىزىستان دۆلەت دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ بۇ يىل 2- ئايدا ئېلان قىلغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە 20 نەچچە تەشكىلات قىرغىزىستان سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن خاراكتېرى جەھەتتىن تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتىلگەن ھەمدە بۇ تەشكىلاتلارنىڭ قىرغىزىستاندىكى ھەرىكىتى مەنئى قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە، «بازا» تەشكىلاتى، تالىبان، «ئىسلام دۆلىتى»، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»، «شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتى» ۋە «ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى» قاتارلىق تەشكىلاتلار بار ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر