خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاپرېل مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ئامېرىكىنىڭ فلورىدا ئىشتاتىغا باردى، شى جىنپىڭ مار ئا لاگو قورۇقىدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن جۇڭگو-ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزىدۇ.
شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 1 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان فلورىدا ئىشتاتىنىڭ غەربىي پالم ساھىلى خەلقئارا ئايروپورتىغا قوندى. شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى تىللېرسېن ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى قاتارلىقلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. ھۆرمەت قاراۋۇلى قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇردى.
شى جىنپىڭ 6-، 7-ئاپرېل ترامپ بىلەن جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى، شۇنىڭدەك ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. بۇ، ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتى تەختكە چىققاندىن بۇيان ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى