باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2017.04.06 15:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 5- ئاپرېل گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلىپ، 2017- يىللىق ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىسلاھاتقا تايىنىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ نۆۋەتتىكى ۋە كېيىنكى بىر مەزگىلدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش سىياسەت- تەدبىرلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىق ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش جېڭىنى ئوبدان قىلىش بېكىتىلدى.

  پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ بۇ يىل ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تەلىپىگە ئاساسەن، يىغىندا ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە ئىش تەقسىماتى مۇقىملاشتۇرۇلدى، تارماقلار تېخىمۇ زور جاسارەت بىلەن ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى لايىھەسىنى چىڭ تۇتۇپ ۋە ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، بولۇپمۇ پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىسلاھات ۋەزىپىسى بىلەن توغرىلاپ، ئاجىز ھالقىلارنى تېزدىن تولۇقلاش تەكىتلەندى. تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى باش لىنىيە قىلىپ، نۇقتىلىق ساھە، مۇھىم ھالقىدىكى ئىسلاھاتنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. بىرىنچى، بازارلاشتۇرۇش، قانۇن ئىدارە قىلىش ۋاستىدىن كۆپرەك پايدىلىنىپ، «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش» ئىسلاھات ۋەزىپىسىدە يېڭى ئەمەلىي ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، بولۇپمۇ ئىشچى –خىزمەتچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، قەرزنى بىر تەرەپ قىلىش، مال- مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق سىياسەت ۋە بازارلاشتۇرۇپ چېكنىپ چىقىش مېخانىزىمىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېشىپ قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ماھىيەتلىك ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا كۈچەش كېرەك. ئىككىنچى، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەت ئىسلاھاتىنى سەرخىللاشتۇرۇشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىش داۋامى ۋە ئىشتىن كېيىنكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە ھۆكۈمەت مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىي تەستىق ۋاستىچىلىك مۇلازىمىتى، كەسپىي سالاھىيەت، ھۆكۈمەت باھا بېكىتىپ ھەق ئېلىش قاتارلىقلارنىڭ تىزىملىكىنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئەمەلىي ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تېخىمۇ ياخشى مۇھىت يارىتىشقا كۈچەش كېرەك. ئۈچىنچى، يېڭىلىق يارىتىشنى تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىش تۈزۈلمە مېخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پىشقان پۇقرالار ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش يېڭى ئەندىزىسى ۋە تەجرىبىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىچىلار روھى، ھۆنەرۋەنلەر روھىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئاشۇرۇپ دائىملىق ئېنېرگىيەگە ئايلاندۇرۇشقا كۈچەش كېرەك. تۆتىنچى، مالىيە،باج، پۇل مۇئامىلە، دۆلەت كارخانىسى، دۆلەت مۈلكى، سىرتقا ئېچىۋىتىش، ئىكولوگىيەنى قوغداش قاتارلىق ئىسلاھات ۋە يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۇپ ئۈنۈمىنى كۆرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بەشىنچى، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، مائارىپ، تىببىي دورا، سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھات ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزىمى ئارقىلىق ئەلئارا كاپىتالنى كۆپلەپ جەلپ قىلىپ، جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەپ ئاشۇرۇش كېرەك. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تارماقلار ئىسلاھاتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ بىرىكمە كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئىسلاھاتقا ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈپ باھالاش ۋە ئۈنۈمىنى باھالاشنى كۈچەيتىپ، يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى ئىز قوغلاپ تەتقىق قىلىپ، ئىسلاھات تەدبىرىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رىغبەتلەندۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جايلار بىلەن ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ دادىل بۆسۈش قىلىشقا مەدەت بېرىپ، ئۈنۈملۈك تەجرىبىلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتلاردا تېخىمۇ زور بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر