باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە جىددىي مۇناسىۋەتنى ئوڭشاشقا تىرىشماقتا

2017.04.05 16:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى رېكىس تىللېرسون تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولغاندا، تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوئان، زۇڭلىسى يىلدىرىم ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرى چاۋۇش ئوغلى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى، ئىككى تەرەپ تېررورلۇققا بىرلىشىپ زەربە بېرىش، ئامېرىكىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان دىنىي زات فەتھۇللا گۈلەننى ئۆتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق قارالمىلارنى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلدى. تىللېرسون تىرامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان تۈركىيەدە زىيارەتتە بولغان ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئالىي ئەمەلدارىغا ئايلاندى. تەھلىلچىلەر: تىللېرسوننىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ مەقسىتى تۈركىيە بىلەن بولغان ھەرىكىتىنى ماسلاشتۇرۇش، ئىككى تەرەپنىڭ ئىختىلاپىنى تۈگىتىش، دېدى.

  2016-يىلى 7-ئايدا تۈركىيەدە ئەمەلگە ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىش سەۋەبىدىن تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىپ قالدى، تۈركىيە فەتھۇللا گۈلەن بۇلتۇرقى تۈركىيەدىكى ئەمەلگە ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى قوماندانى، دەپ قاراپ، ئامېرىكىدىن ئۇنى تۈركىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى، ئەمما ئامېرىكا بۇنى رەت قىلدى. تۈركىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ تۈركىيە تەۋەسىدىكى ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىش قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەردە پىكرى ئوخشاش ئەمەس. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، تىللېرسوننىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدىن بۇرۇن، تۈركىيە ھۆكۈمىتى 29-مارت سۇرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى «ئىفرات قالقىنى» ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى جاكارلىدى.

  خەۋەرگە قارىغاندا، ئەردوئان بىلەن تىللېرسوننىڭ كۆرۈشۈشى ئىككى سائەت داۋاملاشقان. تۈركىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ئېلان قىلغان باياناتقا قارىغاندا، ئىككى تەرەپ ئىراق ۋە سۇرىيەدە ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى»نى يوقىتىش ھەرىكىتى ۋە سۇرىيە مۇساپىرلار كىرىزىسىنى پەسەيتىشنى مۇزاكىرە قىلغان ھەمدە تېررورلۇققا زەربە بەرگەندە «قانۇنلۇق» ھەرىكەت قىلغۇچىلار بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. ئەردوئان يەنە تىللېرسونغا فەتھۇللا گۈلەننى ئامېرىكىدىن قايتۇرۇپ كېلىش تەلىپىنى قايتا تەكىتلىگەن.

  تىللېرسون چاۋۇش ئوغلى بىلەن بىرگە مۇخبىرلار يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى زىيارىتىمدە ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى»نى تارمار قىلىش، رايون مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ئىككى تەرەپلىك ئىقتىسادىي ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ نىشان بار. ئۇ يەنە مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: سۇرىيە ئۇرۇش مەيدانىدا، ئامېرىكا بىلەن تۈركىيەنىڭ «ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىش ئىرادىسىدە پەرق يوق، تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ رايون مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى مۇھىم ئىتتىپاقدىشى.

  ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىش داۋامىدا، ئامېرىكا بىلەن تۈركىيەنىڭ كۇرد قوراللىقلىرىغا تۇتقان مەيدانىدا روشەن ئىختىلاپ كۆرۈلدى. ئامېرىكا كۇرد «دېموكراتىك ئىتتىپاق پارتىيەسى»نى ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىدىغان مۇھىم كۈچ، دەپ قارايدۇ، ئەمما تۈركىيە ئۇلارنى تۈركىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى تەشكىلات كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ سۇرىيەدىكى تارمىقى، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى تۈركىيەنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئىچكى مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئامېرىكا كۇرد قوراللىقلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ «ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدى، ئەردوئان كۇرد قوراللىقلىرىنىڭ ھەرىكەتكە قاتنىشىشىغا ئېنىق قارشى تۇرۇپ كەلدى.

  «ئىفرات قالقىنى» ھەربىي ھەرىكىتى ئاياغلاشقان بولسىمۇ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئارمىيەنىڭ سۈرىيەدىن چېكىنىدىغان-چېكىنمەيدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرمىدى، يىلدىرىم يېڭى بىر نۆۋەت ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى ئىتتىپاقداشلىرى راققانى قايتۇرۇۋېلىشقا ئۇرۇنماقتا، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ھەرىكەتكە قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئەمما كۇرد قوراللىقلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالىمايدۇ.

  تەھلىلچى ئەربابلار مۇنداق دېدى: تۈركىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئەسەبىي تەشكىلاتلارغا زەربە بېرىشتىكى ئىنچىكە ھالقىلاردا ئىختىلاپى بولسىمۇ، رايون ۋەزىيىتى مۇرەككەپ بولغاچقا، ئىككىلا تەرەپ ئىختىلاپنى ئەمەس بەلكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشكە موھتاج. ئامېرىكىغا نىسبەتەن تۈركىيە خەلقئارا ئىتتىپاقنىڭ «ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشىدىكى ئالدىنقى سەپ، ئۇنىڭ ئورنى تەڭداشسىز. تۈركىيەمۇ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە بىر يېڭى تەڭپۇڭلۇق تېپىپ چىقىشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. تۈركىيە سۇرىيە ۋەزىيىتىگە رۇسىيە، ئىران قاتارلىق تەرەپلەرنىڭ قاتناشقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى»دىكى ئىتتىپاقداشلىرىدىن ئالدىراپ ۋاز كەچمەيدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر