باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

زاڭزۇلارنىڭ ئېگىزلىككە ماسلىشىشتىكى گېن سىرى تەتقىق قىلىپ ئېچىلدى

2017.04.05 14:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ۋە ئاۋسترالىيە تەتقىقات ئاپپاراتى 3- ئاپرېل يېڭى بىر سان ئامېرىكا «دۆلەت پەنلەر ئاكادېمىيەسى ژۇرنىلى»دا دوكلات قىلىپ مۇنداق دېدى: ئۇلار زاڭزۇلارنىڭ ئېگىزلىكتىكى مۇھىتقا ماسلىشىش جەھەتتىكى تېخىمۇ كۆپ گېن سىرىنى بايقىدى.

  چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4000 مېتىر كېلىدۇ، ھاۋادىكى ئوكسىگېن مىقدارى تۈزلەڭلىكتىكى ئوكسىگېن مىقدارى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئاران %40نى ئىگىلەيدۇ، ئۇلترا بىنەپشە نۇرىنىڭ كۈچىمۇ تۈزلەڭلىك رايونلارنىڭكىدىن %30 يۇقىرى. شۇڭا بۇ يەر «ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون» دەپ ئاتالغان. زاڭزۇلارنىڭ ئېگىزلىكتىكى مۇھىتقا ماسلىشىش جەھەتتىكى سىرى ئۈستىدە يەنىمۇ ئىزدىنىش ئۈچۈن، جۇڭگو ۋېنجۇ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چۈ جىيا، لۈ فەن، جىن زېبىڭ ۋە ئاۋسترالىيە كىۋېنسلاند ئالىي مەكتەپتىن ياڭ جيەن قاتارلىقلار ھەمكارلىشىپ، چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىك رايونىدىكى زاڭزۇلار ئۈستىدىن تارىختىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك بولغان ئىرسىيەت تەتقىقاتىنى قانات يايدۇردى.

  تەتقىقاتچىلار 3000دىن ئارتۇق زاڭزۇنىڭ ۋە تۈزلەڭلىكتىكى 2000 نەپەر خەنزۇنىڭ گېن گۇرۇپپىسىنى سېلىشتۇرغاندىن كېيىن بايقىشىچە، MTHFR، RAP1A، NEK7، ADH7، FGF10، HLA-DQB1 ۋە HCAR2 قاتارلىق بۇ يەتتە خىل گېن، زاڭزۇلار ئېگىزلىكتىكى مۇھىتقا ماسلىشىش جەھەتتە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرغان. تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېدى، يېڭى بايقىغان بۇ گېنلار ئېگىزلىككە ماسلىشىشتىكى ئىرسىيەت مېخانىزمىنى چۈشىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر