باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو-ياپونىيە دىپلوماتىيە دائىرىلىرى قەرەللىك كېڭىشىش ئۆتكۈزدى

2017.04.05 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ مىنىستىر ياردەمچىسى كوڭ شۈەنيۇ ۋە ياپونىيە دىپلوماتىيە ۋازارىتى تاشقى ئىشلار قاراپ چىقىش ئەمەلدارى تاكىيو ئاكىبا 4-مارت توكيودا ئىككى دۆلەت دىپلوماتىيە دائىرىلىرىنىڭ قەرەللىك كېڭىشىنى ئۆتكۈزدى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو–ياپونىيە مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

  كوڭ شۈەنيۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتى دېپلوماتىك مۇناسىۋەت نورماللاشقانلىقىنىڭ 45 يىللىقىدەك مۇھىم تارىخىي نۇقتىدا تۇرۇۋاتىدۇ ھەم ياخشىلىنىش پۇرسىتىگە يۈزلەنمەكتە، ھەم سەل قاراشقا بولمايدىغان خىرىس مەۋجۇت. ئىككى تەرەپ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە كىرىزىس تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئونتۇماي، جۇڭگو- ياپونىيە مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى ھەقىقىي قوغداپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ داۋاملىق ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم. ياپونىيە تەرەپنىڭ ئالاقىدار چوڭ سەزگۈر مەسىلىلەردە ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش قىلىپ، جۇڭگو- ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  تاكىيو ئاكىبا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياپونىيە تەرەپ ياپونىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، بۇ يىل ۋە كېلەر يىلىدىكى دېپلوماتىك مۇناسىۋەت نورماللاشقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى ۋە «ياپونىيە-جۇڭگو تىنچلىق-دوستلۇق شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق يولغا سېلىپ ۋە كونترول قىلىپ، سۆھبەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى پائال كېڭەيتىپ، ياپونىيە–جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ياخشىلايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر