باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيەدىكى مېترو پارتلىتىش ۋەقەسىدىكى جىنايەت گۇماندارىنىڭ 22 ياشلىق ئەر ئىكەنلىكى ۋە پارتلاتقۇچ قۇرۇلمىسى ئېلان قىلىندى

2017.04.05 14:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيەنىڭ 2-چوڭ شەھىرى سانت پېتىربورگدا 3-ئاپرېل پاجىئە يۈز بېرىپ، مېترو «تېخنىكا ئىنستىتۇتى» بېكىتى ۋە «سېننوي مەيدانى» بېكىتى ئارىلىقىدا پارتلاش يۈز بەردى. رۇسىيە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش كومىتېتى بۇ قېتىمقى پارتلىتىش ۋەقەسىنى تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى دەپ بېكىتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ھازىرغىچە 14 ئادەم قازا قىلدى، 50 نەچچە ئادەم يارىلاندى.

  رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پارتلاش مېترونىڭ 3-ۋاگونىدا يۈز بەرگەن. دەسلەپكى خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، تېررورچى قىرغىزىستاندا تۇغۇلغان، رۇسىيە دۆلەت تەۋەلىكىدىكى 22 ياشلىق ئەر ئەكبەرجون جالىلوۋكەن. ئىلگىرى سانت پېتىربورگ مېتروسىنىڭ «قوزغىلاڭ مەيدانى» بېكىتىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر پارتلاتقۇچ بايقالغان، لېكىن ۋاقتىدا بايقالغاچقا پارتلىمىغان. بۇ پارتلاتقۇچنى دەل بۇ ئەر ئېلىپ يۈرگەن. تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پارتلىغان ۋاگوندىكى پارتلاتقۇچمۇ بۇ ئەرنىڭ قىلمىشىكەن.

  رۇسىيە تەرەپنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: ئىككى پارتلاتقۇچ ئاپتوموبىلنىڭ قۇرۇق ئوت ئۆچۈرگۈچىدىن ياسالغان. ئىچىگە پارتلاتقۇچ سېلىنىپ، سىرتى پىلاستىر بىلەن باغلانغان.

  رۇسىيە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش كومىتېتى 4-ئاپرېل مېترو پارتلىتىش ۋەقەسىدە بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى. قازا قىلغان 10 كىشىنىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلاندى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭى 67 ياش، ئەڭ كىچىكى ئاران 17 ياشكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر