شۇ يەر ۋاقتى 2017-يىلى 30-مارت، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن رۇسىيەنىڭ ئارخانگېلسكتا فىنلاندىيە زۇڭتۇڭى نىنىستو بىلەن 4-نۆۋەتلىك خەلقئارا شىمالىي قۇتۇپ مۇنبىرىگە قاتناشتى ھەمدە قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.
رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 30-مارت رۇسىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى شەھەر ئارخانگېلسكتا ئۆتكۈزۈلگەن 4-نۆۋەتلىك «شىمالىي قۇتۇپ ___ سۆھبەتلىشىش رايونى» خەلقئارا شىمالىي قۇتۇپ مۇنبىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا، رۇسىيە تەرەپنىڭ شىمالىي قۇتۇپ بايلىقىنى ئېچىشنى قوللايدىغانلىقىنى، چەت ئەللەردىكى شېرىكلەرنىڭ ئالاقىدار تۈرلەرگە قاتنىشىشنى قارشى ئالدىغانلىقىنى بىلدۈردى.