باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ئۆلچىمىنىڭ بىردەكلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

ئاساسلىق ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ بىردەكلىك دەرىجىسى %95 تىن ئاشتى

2017.04.05 14:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ دۆلەت ئۆلچەم كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «‹ئۆلچەملەشكەن خىزمەت ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى› نى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە تەقسىماتى (2017-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ۋەزىپە تەقسىماتى» دېيىلىدۇ) نى بېسىپ تارقىتىپ، 12 تۈرلۈك كونكرېت ۋەزىپە، تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆلچەملەشكەن خىزمەت ئىسلاھاتىنى ماس، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. «ۋەزىپە تەقسىماتى» دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئۆلچەملىك بىرلىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئۆلچەملىك ھەممىبابلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئۆلچەملەشكەن ئۇچۇر بايلىقىدىن ئورتاق بەھرلىنىش مۇنبىرى بەرپا قىلىپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ھەممىباب ئۆلچىمى تۈزۈمىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەرتىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئۆلچەملىك يوغۇرما تەرەققىياتىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تەدرىجى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  «ۋەزىپە تەقسىماتى» دا يەنە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئېلىمىز ئۆلچىمىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بىرلەشمە ئالاقە «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەرىكىتى پىلانىنى يولغا قويۇپ، لىنىيە بويىدىكى نۇقتىلىق دۆلەتلەر بىلەن خەلقئارا ئۆلچەم بېكىتىش، ئۆلچەملەشكەن ھەمكارلىشىپ ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. جۇڭگو ۋە چەتئەل ئۆلچىمىنى سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلىش پائال قانات يايدۇرۇپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ئۆلچەملەشتۈرۈش سەۋىيەسىنىڭ بىردەكلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئاساسلىق ئىستېمال بۇيۇملىرى ساھەسى بىلەن خەلقئارا ئۆلچەمنىڭ بىردەكلىك دەرىجىسى %95 تىن ئېشىپ، ئۈسكۈنە-جابدۇق ياسىمىچىلىقى بويىچە قىسمەن نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ خەلقئارا ئۆلچەملەشتۈرۈش نىسبىتى %90 تىن ئاشتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر