باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاقسۇ ۋىلايىتىدە 190 نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىدا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ ئىش باشلاندى

2017.04.05 14:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23-مارت، ئاقسۇ شەھىرى ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائەت شەھەرچىسى (تەرەققىيات رايونى)دىكى نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىدا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ ئىش باشلانغاندىن بۇيان، 24-مارت، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى ناھىيەلىرىدىكى 139 نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىدا بىرلا ۋاقىتتا ئىش باشلاندى. بۇ تۈرلەر ئۇل ئەسلىھە، ئىجتىمائىي ئىشلار، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، سۇچىلىق، چارۋىچىلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي سېلىنىدىغان مەبلەغ 11 مىليارد 108 مىليون يۈەنگە يېتىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 23-مارتتىن 24-مارتقىچە، ھەرقايسى ناھىيە، شەھەر، ئاقسۇ شەھىرى توقۇمىچىلىق سانائىتى رايونى (تەرەققىيات رايونى)دا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ ئىش باشلانغان قۇرۇلۇش تۈرى 190گە يەتكەن. بۇ تۈرلەرگە سېلىنىدىغان ئومۇمىي مەبلەغ 20 مىليارد 105 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 2017-يىلى سېلىنىدىغان پىلاندىكى مەبلەغ 14 مىليارد 510 مىليون يۈەن ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر