باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيە سوت مەھكىمىسى سابىق زۇڭتۇڭ پاك گۈنھېنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىدى

2017.04.01 16:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورېيە سوت مەھكىمىسى بۈگۈن سەھەردە سابىق زۇڭتۇڭ پاك گۈنھېنى قولغا ئېلىش بۇيرۇقىنى ئىمزالىدى، پاك گۈنھې ئارقىدىن سېئۇلدىكى قاماقخانىغا ئېلىپ بېرىلدى.

  سېئۇل مەركىزى يەرلىك سوت مەھكىمىسى شۇ يەر ۋاقتى 31-مارت سەھەر سائەت ئۈچتىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە قولغا ئېلىش بۇيرۇقىنى ئىمزالىدى. سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: تەپتىش دائىرىلىرى ئوتتۇرىغا قويغان پاك گۈنھېنىڭ گۇمانىي جىنايىتى ھەمدە ئۇنىڭ ئىسپاتلارنى يوقىتىۋېتىش مۇمكىنچىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، سوت مەھكىمىسى بۇ بۇيرۇقنى چىقاردى. تەخمىنەن بىر سائەتتىن كېيىن، بىر قارا پىكاپ پاك گۈنھېنى سېئۇل مەركىزى يەرلىك تەپتىش نازارىتىدىن سېئۇلدىكى قاماقخانىغا يۆتكەپ كەتتى.

  پاك گۈنھې لۇ تەييۈ، چۇەن دوۋخۇەندىن كېيىن قولغا ئېلىنغان كورېيەنىڭ ئۈچىنچى زۇڭتۇڭى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر