باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو تۆۋەن ئوربىتىلىق كەڭ بەلباغقا ئۇلاش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، 156 دانە كىچىك سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىشنى پىلانلاپ، پۈتۈن دۇنيانى تولۇق قاپلاشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرىدۇ

2017.04.01 14:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ يېقىندا جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا گۇرۇھى شىركىتى ئېلان قىلغان «خۇڭيۈن قۇرۇلۇشى» پىلانىدىن ئۇقۇشىچە، مەزكۇر شىركەت 156 دانە كىچىك سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىشنى پىلانلىغان، ئۇلار يەر يۈزىدىن 1000 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئوربىتىدا تورلىشىپ ھەرىكەت قىلىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ كەڭ بەلباغلىق ئالاقە تورىغا ئۇلىنىشىنى تولۇق قاپلاشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.

  قۇرۇلۇشنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ ئېلىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم كىچىك سۈنئىي ھەمراھ تۆۋەن ئوربىتىلىق كەڭ بەلباغلىق ئالاقە تورىغا ئۇلاش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشىكەن.

  پىلان بويىچە، «خۇڭيۈن قۇرۇلۇشى» ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنىدىكەن: بىرىنچى باسقۇچ 2018-يىلىدىن بۇرۇن تاماملاش پىلانلىنىپ، تۇنجى تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش سۈنئىي ھەمراھى قويۇپ بېرىپ، يەككە سۈنئىي ھەمراھنىڭ مۇھىم تېخنىكىلىق تەكشۈرۈشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن؛ ئىككىنچى باسقۇچ «13-بەش يىل»نىڭ ئاخىرىغىچە بولۇپ، كەسپىي سىناق سۈنئىي ھەمراھىدىن تۆتنى قويۇپ بېرىپ، بىر كىچىك سۈنئىي ھەمراھ تۈركۈمى قۇرۇپ، ئابۇنتلارنى كەسىپتىن دەسلەپكى قەدەمدە بەھرىلەندۈرىدىكەن؛ ئۈچىنچى باسقۇچ «14-بەش يىل»نىڭ ئاخىرىغىچە بولۇپ، 156 دانە سۈنئىي ھەمراھنىڭ تورلىشىپ ھەرىكەت قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تاماملايدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر