باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ج ك پ مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيورۇسى يىغىنى ئېچىلدى

2016- يىللىق ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتى نەتىجىسىنى تەكشۈرۈپ باھالاش دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى

2017.04.01 15:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيورۇسى 31- مارت يىغىن ئېچىلىپ، 2016- يىللىق ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتى نەتىجىسىنى تەكشۈرۈپ باھالاش دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ج ك پ مەركىزى كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدا 2020- يىلىغا بارغاندا ئومۇمىيۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش نىشانى مۇقىملاشتۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە يېزىلاردىكى نامراتلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، نامرات ناھىيەلەرنىڭ قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش، رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىيۈزلۈك نامراتلىقنى تۈگىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئەڭ قىيىن. بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ خەلق ئالدىدا قىلغان تەنتەنىلىك قەسىمى. قاتتىق تەلەپنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەر قايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتى دوكلات تۈزۈمى، مەسئۇلىيەت تۈزۈمى، تەكشۈرۈپ باھالاش تۈزۈمى، ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتى نىشان ۋەزىپلىرىنىڭ ئورۇندىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: مەركەزنىڭ نامراتلارنى يۆلەش- ئېچىش خىزمىتى يىغىنىدىن بۇيان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى يۇقىرى قاتلام لايىھەسى ئاساسەن پۈتتى، بەش دەرىجىلىك شۇجى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى تۇتىدىغان، پۈتۈن پارتىيە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىغا ئاتلىنىشقا سەپەرۋەر قىلىنغان ۋەزىيەت ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى، تۈرلۈك تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلار ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش كىشىلەرنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالدى، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئامما ئاكتىپچانلىقى يەنىمۇ قوزغىتىلدى، يىللىق نامراتلارنى ئازايتىش نىشان ۋەزىپىلىرى ئوبدان تاماملاندى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى توغرا، ھازىرقى سىياسەت ۋە خىزمەت سالمىقى بويىچە، ئەمەلىيەتتە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىگەندىلا،2020- يىلىغا بارغاندا ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنى كۆرۈش كېرەككى، خىزمەتتە يەنە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتى يۇقىرى بولماسلىق، ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەمەلىي بولماسلىق، نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرى دەل جايىدا بولماسلىق، مەبلەغنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانماقتا.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر