باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ 7- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

2017.04.01 14:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 31- مارت گوۋۇيۈەننىڭ 7- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىپ، لىن جېڭيۆئېنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 5- نۆۋەتلىك باش مەمۇرىلىققا تەيىنلەشنى قارار قىلدى، 2017- يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش كۈنى قىلىپ بېكىتىلدى.

  يىغىندا شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ لىن جېڭيۆئېنى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 5- نۆۋەتلىك باش مەمۇر نامزاتلىقىغا سايلاش توغرىسدىكى دوكلات قاراپ چىقىلدى، گوۋۇيۈەننىڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ گۇاڭيانىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 5- نۆۋەتلىك باش مەمۇر نامزاتلىرىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىش جەريانى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  لى كېچياڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي ئالاھىدە رايونىنىڭ 5- نۆۋەتلىك باش مەمۇرىنى سايلاش قانۇن بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نېگىزلىك قانۇنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار قارارى ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن بولۇپ، ئاشكارا، باراۋەر، ئادىل بولۇش پىرىنسىپى نامايان قىلىنغان. لىن جېڭيۆئې خانىمنىڭ باش مەمۇرلىققا سايلانغانلىقى شياڭگاڭدىكى ھەر ساھەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىشى، ئىشىنىشى ۋە ئۈمىد باغلىغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بەردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر