- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا سېربىيە زۇڭتۇڭى بىلەن كۆرۈشتى
2017.04.01 14:54 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 31-مارت چۈشتىن كېيىن «خەلق» سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن سېربىيە زۇڭتۇڭى نىكولىچ بىلەن كۆرۈشتى.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-سېربىيە ئىككى دۆلەت سىياسىي جەھەتتە بىر-بىرىگە ئىشىنىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. تۈنۈگۈن، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن مول نەتىجىلىك سۆھبەتلىشىپ، نۇرغۇن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدىڭلار. جۇڭگو سېربىيەنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ، سېربىيە بىلەن ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ھەمكارلىشىش روھى بويىچە، جۇڭگو-سېربىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللەپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشقا ئورتاق كۈچ چىقىرىشنى خالايدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر