باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەمۇرىي، كەسپىي ھەق ئېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتا «ھەر تەرەپلىمە ئىلگىرىلەش» كېرەك

2017.04.01 16:07         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى ئارقىلىق 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، مەركەز تەسىس قىلغان 41 تۈرلۈك مەمۇرىي، كەسپىي ھەق ئېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقى ياكى توختىتىدىغانلىقىنى، ماركا ئەنگە ئالدۇرۇش ھەق ئۆلچىمىنى %50 تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلغان قىسمەن ھۆكۈمەت فوندىنى تەڭشەشتىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق ھەقنى تۆۋەنلىتىشى بولۇپ، كارخانا ۋە شەخسلەرنىڭ يۈكىنى ئەمەلىي يېنىكلىتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. (3-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»دىن ئېلىندى)

  ئاپتور نۇرغۇن تاراتقۇلارنىڭ بۇ خەۋەرنى ئېلان قىلغاندا، «نىكاھنى تىزىملاش ھەققى قاتارلىق 41 تۈرلۈك ھەقنى تاپشۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ» دېگەندەك تېمىلارنى قويۇپ، شەخسلەر ھەق ئېلىش تۈرلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى گەۋدىلەندۈرگەنلىكىگە دىققەت قىلدى، مۇشۇنداق «يۈكنى يېنىكلىتىش» ھەقىقەتەن كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە مەمۇرىي، كەسپىي ھەق ئېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى ئېلىشنى توختىتىش مۇشۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.

  مەسىلەن: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، 30 تۈرلۈك مەمۇرىي، كەسپىي ھەق ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ۋە كەچۈرۈم قىلىندى؛ 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، يەنە 33 تۈرلۈك مەمۇرىي، كەسپىي ھەق ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ۋە كەچۈرۈم قىلىندى؛ 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ قىسمەن جايلارنىڭ پىلانلىق تۇغۇت ئوپېراتسىيە ھەققى، نوپۇسنى يۆتكەشكە رۇخسەت قىلىش ئىسپاتى ھەققى، ياشانغانلارغا ئېتىبار بېرىش كىنىشكىسى ھەققى، شەھەر تازىلىق ھەققى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ھەيدىگۈچىلەرنى تەربىيەلەش ھەققى قاتارلىق ھەرقايسى ئۆلكە (رايون، شەھەر) تەسىس قىلغان 314 تۈرلۈك مەمۇرىي ھەق بىكار قىلىندى. بىر يىلدا ئۈچ قېتىم ھەقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى كەچۈرۈم قىلىش ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈردى.

  مالىيە مىنىستىرلىقى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئېلان قىلغان «2006-يىلىدىكى مەملىكەت خاراكتېرلىك ھەم مەركەز تارماقلىرى ۋە ئورۇنلارنىڭ مەمۇرىي، كەسپىي ھەق ئېلىش تۈرى كاتالوگى»دا كۆرسىتىلىشىچە، 58 تۈردىكى 314 خىل ھەق ئېلىش تۈرى ئىچىدە قانۇنىي ئاساسى بارلىرى 60 خىل ئىكەن. شۇنىڭدىن باشلاپ نامۇۋاپىق ھەق ئېلىشنى تەرتىپكە سېلىشنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى؛ 2009-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، 100 تۈرلۈك مەمۇرىي، كەسپىي ھەق ئېلىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ياكى ئېلىش توختىتىلدى. روشەنكى بۇ، مەمۇرىي، كەسپىي ھەق ئېلىشنى قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ باشلىنىشىدۇر.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، زور بىر تۈركۈم مەمۇرىي، كەسپىي ھەق ئېلىش كېمەيتىلىپ، كارخانا ۋە شەخسلەر نەپكە ئېرىشتى، ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. ئىسلاھات جېڭىنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، قېلىپ قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى «قاتتىق سۆڭەك» بولۇپ، مەمۇرىي، كەسپىي ھەق ئېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەر قانداق مەمۇرىي تارماق ئۈچۈن ئېيتقاندا، بەدەندىكى گۆشنى كەسكەنگە ئوخشايدۇ. لېكىن قاتمۇقات توسالغۇ ۋە قىيىنچىلىق ئالدىدا، فۇنكسىيەنى ئۆزگەرتىشنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرگەندىلا، مۇلازىمەت خاراكتېرلىك ھۆكۈمەت تەلىپىگە تېخىمۇ يېقىنلاشقىلى بولىدۇ. شۇڭا مەمۇرىي، كەسپىي ھەق ئېلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى ئېلىشنى توختىتىشتا چوقۇم «ھەر تەرەپلىمە ئىلگىرىلەش»تە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  توسالغۇ قانچە چوڭ بولسا، ئىسلاھاتنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرگىلى بولىدۇ؛ تەرتىپكە سېلىش قانچە چوڭقۇر بولسا، ئاممىدا تېخىمۇ كۆپ «ئېرىشىش تۇيغۇسى» بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر