باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مالايسىيە زۇڭلىسى نەجىپ شۈ چىلياڭ بىلەن كۆرۈشتى

2017.04.01 16:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالايسىيە زۇڭلىسى نەجىپ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن كۇئالالامپوردا مالايسىيەدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ بىلەن كۆرۈشتى.

  نەجىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مالايسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد–سودا، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. مالايسىيە ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرى مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرى ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى قاتلام زىيارىتى كۆپەيدى، ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ئىككى تەرەپ كەسپىي ئالماشتۇرۇش، خادىملارنى يېتىشتۈرۈش، دېڭىز ئارمىيە زىيارىتى، بىرلەشمە مانېۋىر، ھەربىي سانائەت ھەربىي سودا قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشتى. مالايسىيە جۇڭگو بىلەن مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، رايون تىنچلىقى، بىخەتەرلىكى ۋە گۈللىنىشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  شۈ چىلياڭ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭلى ئالىيلىرىنىڭ ئورتاق يېتەكچىلىكىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈلۈپ، ئۇزاقتىن بۇيان ساغلام، تېز تەرەققىي قىلدى. جۇڭگو ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، مالايسىيا بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىنچ، مۇقىم بولغان بىخەتەر رايون مۇھىتى يارىتىشقا پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر