خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 31-مارت كەچتە، CBA بىرلەشمە مۇسابىقىسى (2016-،2017-) يىللىق مۇسابىقە پەسلىنىڭ ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى رەسمىي باشلاندى، ئۈرۈمچى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا ساھىبخان كوماندا بولۇپ ئوينىغان شىنجاڭ قەشقەر قەدىمىي شەھەر كوماندىسى (تۆۋەندە شىنجاڭ كوماندىسى دەپ ئاتىلىدۇ) پۈتۈن مەيداندا، ئۈچ نومۇرلۇق توپتىن 20نى تاشلاپ، ئىچكى ۋە تاشقى سەپتە قالتىس بولغان ئىپادىسىگە تايىنىپ، 105كە قارشى 122 نەتىجە بىلەن گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ تۇنجى مەيدانىدا غەلىبىگە ئېرىشتى. نۆۋەتتە، شىنجاڭ كوماندىسى 1دە 0 نەتىجە بىلەن ئالدىدا تۇرماقتا.
شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن گۇاڭدۇڭ كوماندىسى تارىختا 52 قېتىم ئۇچرىشىپ، شىنجاڭ كوماندىسى 14 قېتىم يېڭىپ، 38 قېتىم ئۇتتۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدە پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىدە، ئىككى كوماندا جەمئىي 22 قېتىم ئۇچرىشىپ، شىنجاڭ كوماندىسى تۆت قېتىم يېڭىپ، 18 قېتىم ئۇتتۇرغان. شىنجاڭ كوماندىسى CBA تارىخىدا، تۆت قېتىم ئىككىنچى بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ قېتىملىق ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىدا چېمپىيونلۇقنى گۇاڭدۇڭ كوماندىسىغا تارتقۇزۇپ قويغان. بىراق سەككىز قېتىم چېمپىيون بولغان كۈچلۈك گۇاڭدۇڭ كوماندىسى بىلەن ئوينىغاندا، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى ئەزەلدىن قورقۇپ باقمىغان.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە، توپنى ئالتە قېتىم ئۈستىدىن قاپلاپ توسۇش ئىچىدە تۆت قېتىملىقى جۇ چىنىڭ، ئىككىسى بىلاتچېنىڭ، گاردىن قايتقان 37 توپنىڭ 10ىنى جۇ چى تالىشىپ ئالغان. بويى 2.18 مېتىر، غۇلاچ ئۇزۇنلىقى 2.29 مېتىر كېلىدىغان بۇ ئوتتۇرا ھۇجۇمچى ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى تۇنجى مەيدان ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، مەيداندا كۆزنى قاماشتۇرغىدەك ئىپادە كۆرسەتتى. شىرئەلىجان ئېرىشكەن 21 نومۇر توپنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۈچ نومۇرلۇق توپ تاشلىشىدىن كەلگەن. ئۇندىن باشقا چەت ئەللىك ئەزا ئادامىس 30 نومۇر بىلەن بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ MVP سى بولدى.
كېيىنكى مەيدان مۇسابىقە 4-ئاينىڭ 2-كۈنى يەنىلا قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى