باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ماگنىتلىق بانكا كارتىسى بۇ يىل 1-مايدىن باشلاپ ئىشلىتىلىشتىن توختايدۇ

2017.04.01 16:44         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان بانكا كارتىسىنىڭ كۆپىنچىسى ماگنىتلىق كارتا، بۇ كارتا ئىستېمالچىلارنىڭ نۇرغۇن ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسى تۆۋەن بولغاچقا، نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بانكا كارتىسى ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا ماسلاشماي قالدى. شۇڭا جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ‹‹بانكا كارتىسىنى خەۋپ – خەتەر جەھەتتىن باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش›› ىنىڭ تەلىپى بويىچە بۇ يىل 5 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان ماگنىتلىق بانكا كارتىسى ئىشلىتىلىشتىن توختايدۇ، بانكىلار ماگنىتلىق بانكا كارتىسى تارقىتىشنى توختىتىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزەكلىك بانكا كارتىسى ئىشلىتىلىدۇ.

  ئەمەلىيەتتە بانكىلار 2015 – يىلىدىن باشلاپ ماگنىتلىق كارتا تارقىتىشنى توختاتقان. بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۆزەكلىك كارتىنى ماگنىتلىق كارتىدەك نۇسخا ئېلىپ كۆپەيتكىلى بولمايدۇ. ئۆزەكلىك بانكا كارتىسىنىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسى ۋە مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئىقتىدارى يۇقىرى، ئۆزەكلىك كارتا ئىشلەتكەندە يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ كارتىنى ئوغرىلىقچە سىيرىۋېلىش خەۋپ – خەتىرىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

  ماگنىتلىق كارتىنىڭ ئۆزەكلىك كارتىغا ئالمىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، كارتا ئىگىلىرىنىڭ ھېسابات بىخەتەرلىكى ئۈنۈملۈك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ئابۇنىچىلار ماگنىتلىق بانكا كارتىسىنى ئۆزەكلىك بانكا كارتىسىغا ئالماشتۇرۇشتىن بۇرۇن، ئەسلىدىكى ماگنىتلىق بانكا كارتىسى يەنىلا ۋاقتىنچە ئىشلىتىلىدۇ. ئۆزەكلىك بانكا كارتىسى قوزغىتىلغاندىن كېيىن، كونا ماگنىتلىق كارتىنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ.

  ھازىر كارتىدىكى ئامانەت قويۇلغان پۇللارنى ئوغرىلىقچە يۆتكەپ كېتىدىغان ئەھۋاللار پات – پات يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ ماگنىتلىق كارتىنىڭ ئىشلىتىلىش ئالاھىدىلىكى ۋە بىخەتەرلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. چۈنكى ماگنىتلىق كارتا ئىستېمالچىلىرى كارتا سىيرىش ئاپپاراتى ياكى ئاپتوبانكىدىن پۇل ئالغاندا ئاپپاراتتا بانكا كارتىسىنىڭ ماگنىت ئۇچۇرى ساقلىنىپ قالىدۇ. بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۆزەكلىك كارتا ماگنىتلىق كارتىغا قارىغاندا ئىلغار، ئۇنىڭ بىخەتەرلىك كوئېففىتسېنتى نىسبەتەن يۇقىرى. شۇڭا قولىدا ماگنىتلىق بانكا كارتىسى بار كىشىلەر كىملىكى ۋە بانكا كارتىسىنى ئېلىپ بانكا كارتىسىنى تارقاتقان بانكىغا بېرىپ، ماگنىتلىق كارتىسىنى ئۆزەكلىك بانكا كارتىسىغا ئالماشتۇرۇۋېلىشى كېرەك.

  نۆۋەتتە بانكىلار ساپ ماگنىتلىق كارتىنى ئۆزەكلىك بانكا كارتىسىغا ئالماشتۇرۇۋاتىدۇ. ئەگەر ئىستېمالچىلار ئەسلىدىكى كارتا نومۇرىنى ساقلاپ قالماقچى بولسا، كارتا تارقاتقان بانكىغا بېرىپ ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، بىراق بەزى ماگنىتلىق كارتىلارنىڭ ئىشلىتىلگەن ۋاقتى بەك ئۇزاق بولۇپ كەتكەن بولسا، كارتا نومۇرىنى ساقلاپ قالغىلى بولمايدۇ. ئەگەر كارتا نومۇرى ئۆزگەرمىگەن ئەھۋالدا ئەسلىدىكى كارتىدىكى كەسىپ يېڭى كارتىغا ئاپتوماتىك يۆتكىلىدۇ. ئىستېمالچىلار ماگنىتلىق كارتىنى ئۆزەكلىك كارتىغا ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، ئىش ھەققى، تۇرالغۇ قەرز پۇلى، سۇ، توك پۇلى قاتارلىقلارنى تاپشۇرۇشى ھېچقانداق تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ. بانكا كارتىسىنى توردا پۇل چىقىم قىلىش كەسپىگە چاتقانلار قايتىدىن چاتسا بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر