باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى ۋە شاڭخەي پۇدۇڭ يېڭى رايونىدىن كېيىنكى يەنە بىر مەملىكەت خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە يېڭى رايون

جۇڭگو خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونى تەسىس قىلدى

2017.04.05 14:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇشنى قارار قىلدى. بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان بىر تۈرلۈك زور تارىخىي خاراكتېرلىك ئىستراتېگىيەلىك تاللاش، شۇنداقلا شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى ۋە شاڭخەي پۇدۇڭ يېڭى رايونىدىن كېيىنكى يەنە بىر مەملىكەت خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە يېڭى رايون بولۇپ، ئۇزاق كەلگۈسى نەزەردە تۇتۇلغان ئۇلۇغۋار پىلان ھەم دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى ھېسابلىنىدۇ.

  بېيجىڭ تيەنجىن خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرما

  شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ پىلاندىكى دائىرىسى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شيۇڭشيەن، روڭچېڭ، ئەنشىن ناھىيەلىرىگە، شۇنداقلا ئەتراپتىكى قىسمەن رايونلارغا تۇتىشىدىغان بولۇپ، بېيجىڭ، تيەنجىن، باۋدىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مەركىزىي رايونغا جايلاشقان، رايون ئەۋزەللىكى روشەن، قاتنىشى قولاي ۋە راۋان، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ياخشى، بايلىق - مۇھىت بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى نىسبەتەن كۈچلۈك، ھازىرقى ئېچىش دەرىجىسى بىر قەدەر تۆۋەن، تەرەققىيات بوشلۇقى يېتەرلىك، يۇقىرى پەللە، يۇقىرى ئۆلچەمدە ئېچىپ قۇرۇشنىڭ ئاساسىي شارائىتى ھازىرلانغان. شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ ئالاھىدە بەلگىلەنگەن رايونىنى باشلىنىش رايونى قىلىپ ئالدىن ئېچىپ قۇرۇش پىلانلانغان بولۇپ، باشلىنىش رايونىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 100 كىۋادرات كىلومېتىر، ئوتتۇرا مەزگىللىك تەرەققىيات رايونىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 200 كىۋادرات كىلومېتىر، ئۇزاق مەزگىللىك كونترول رايونىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 2000 كىۋادرات كىلومېتىر بولىدۇ.

  شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بېيجىڭ تيەنجىن خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن چىقارغان بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسى بولۇپ، بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى مەركەزلىك تارقاقلاشتۇرۇپ، ئاھالە، ئىگىلىك زىچ رايونلارنى ئەلالاشتۇرۇپ ئېچىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ شەھەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە بوشلۇق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ھەم ياخشىلاپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش يېڭى قوزغاتقۇچىنى يېتىشتۈرۈشتە مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر