باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەشقەردىن چېڭدۇغا بىۋاسىتە ئايروپىلان قاتنىدى

2017.04.01 16:37         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى 3 – ئاينىڭ 28 – كۈنى قەشقەردىن چېڭدۇغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئاچتى، بۇ لىنىيەدە ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى A319 تىپلىق ئايروبۇس ئىجرا قىلىدۇ، ھەر :سەيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە كۈنلىرى بىر نۆۋەت قاتنايدۇ. كېلىشتە سائەت 12 دە (بېيجىڭ ۋاقتى) چېڭدۇدىن ئۇچۇپ 17:10(بېيجىڭ ۋاقتى)دا قەشقەرگە قونىدۇ؛ بېرىشتا 17:55 تە (بېيجىڭ ۋاقتى) قەشقەردىن ئۇچۇپ، 15: 22 تە (بېيجىڭ ۋاقتى) چېڭدۇغا قونىدۇ.

  قەشقەردىن چېڭدۇغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى ئىككى جايدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ بېرىش – كېلىشتە ئۈرۈمچىدە ئايروپىلان ئالمىشىشىغا خاتىمە بېرىپ، قەشقەر بىلەن چېڭدۇنىڭ سودا، ساياھەتچىلىكىدىكى كۆۋرۈككە ئايلىنىدۇ، شۇنداقلا قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ شىنجاڭدىن چىقىشىنى يېڭى تاللاش بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ چېڭدۇدا زور لىنىيە تورى بار بولۇپ، شەرقىي جۇڭگو، جەنۇبىي جۇڭگو، غەربىي جەنۇب تەرەپكە قاتنايدىغان دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىدە نۆۋەتچى ئايروپىلانلار كۆپ بولۇشتەك ئەۋزەللىككە ئىگە؛ خەلقئارادا شەرقىي ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، ياۋروپا قاتارلىق جايلارغا قاتنايدۇ. بۇ لىنىيە ئېچىلغاندىن كېيىن، قەشقەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ چېڭدۇ تۈگۈنىدىن پايدىلىنىپ تېز سۈرئەتتە دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى باشقا شەھەرلەرگە قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارغا ئالمىشالايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ توختايدىغان نۇقتىلىرى كۆرۈنەرلىك ئازلايدۇ، ساياھەت لىنىيەسى تېخىمۇ قولايلىشىدۇ.

  جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى يەنە ساياھەتچىلەرنىڭ سىرتقا چىقىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، 3 – ئاينىڭ 27 – كۈنى يېڭىدىن غۇلجا – شىخەنزە – چېڭدۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچتى، بۇ لىنىيەدە ھەپتىدە ئۈچ نۆۋەت ئايروپىلان قاتنايدۇ. دەسلەپ ئايروپىلان قاتنىغاندا جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى ئالاھىدە باھالىق بېلەتنى تەسىس قىلىدۇ، قەشقەر – چېڭدۇنىڭ بېلەت باھاسى 640 يۈەندىن، شىخەنزە – غۇلجىنىڭ بېلەت باھاسى 100 يۈەندىن، شىخەنزە – چېڭدۇنىڭ بېلەت باھاسى 400 يۈەندىن باشلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ساياھەتچىلەر جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئايروپىلان قاتناش نۇقتىلىرىنى تاللاپ، بېيجىڭ، چېڭدۇ قاتارلىق شەھەرلەردە ئايروپىلان ئالمىشىپ، مەملىكىتىمىزدىكى 80 نەچچە شەھەرگە بارالايدىكەن، ئايروپىلان ئالماشقاندا ساياھەتچىلەر جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە پاي چەكلىك شىركىتى تەمىنلىگەن ھەقسىز ياتاق مۇلازىمىتىدىن بەھرىلىنەلەيدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر