باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇلتۇر ئىچكى ئەزاسىنى تەقدىم قىلىشقا تىزىملاتقانلارنىڭ سانى 100 مىڭدىن ئاشقان

2017.04.01 15:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 31- مارت جۇڭگو ئادەم ئىچكى ئەزاسىنى تەقدىم قىلىشنى باشقۇرۇش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە: 2016- يىلى، جۇڭگودا جەسىتىنى ۋە ئىچكى ئەزاسىنى تەقدىم قىلىشقا تىزىمغا ئالدۇرغانلارنىڭ سانى 104مىڭ 538غا يەتكەن بولۇپ، 2010- يىلىدىكى 1087 كىشى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 100 ھەسسە ئاشقان.

  تىزىمغا ئالدۇرۇش رايونى بويىچە قارىغاندا، مەملىكەت بويىچە 31 ئۆلكە، رايون ۋە شەھەرلەردە تىزىمغا ئالدۇرۇشقا خالايدىغانلار بار ئىكەن، خۇبېي، جياڭسۇ، شاڭخەي ۋە گۇاڭدۇڭ قاتارلىق ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان رايونلاردا تىزىملاتقانلارنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ ئىكەن؛ تىزىمغا ئالدۇرغانلارنىڭ يېشى بويىچە قارىغاندا، تىزىمغا ئالدۇرۇشنى خالايدىغانلارغا تولۇق ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى بولغان بولۇش تەلەپ قىلىدىغان بولغاچقا، تىزىملاتقۇچىلار ئىچىدە ياش ۋە ئوتتۇرا ياشتىكىلەر كۆپرەك بولۇپ، ئۇنداقلار %60تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىكەن؛ كەسپى ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى قاتلامدىكىلەر بار ئىكەن .

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر