باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چوكانتال بايرىمىدا ئۈرۈمچىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى 0 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشىشى مۇمكىن

2017.04.01 16:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ 31-مارت ئېلان قىلغان چوكانتال بايرىمىلىق ھاۋا رايى مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1-ئاپرىلدىن 4-ئاپرىلغىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا تۆۋەن تېمپېراتۇرا ھاۋا ئېقىمىدىن ئايرىلىپ چىققان كىچىك كۆلەملىك سوغۇق ھاۋا رايى ئۈرۈمچىگە ئۈزلۈكسىز تەسىر قىلىپ، توختىماي يامغۇر يېغىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، 1-ئاپرىل كېچىدىن 2-ئاپرىل كۈندۈزگىچە، ئۈرۈمچىدە ئاز مىقداردا يامغۇر ياغىدىكەن، 2-ئاپرىل كېچىدىن 3-ئاپرىلغىچە ھاۋا بۇلۇتلۇق بولىدىكەن، ئارىلاپ ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدىكەن. 4-ئاپرىل كۈنى ئۈرۈمچىدە يەنە ئاز مىقداردا يامغۇر ياغىدىكەن.

  گەرچە دەم ئېلىش مەزگىلىدە ھەر قېتىملىق يامغۇر مىقدارى كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن ئىزچىل ھاۋا تۇتۇق بولغانلىقتىن، تېمپېراتۇرىمۇ بىر قەدەر تۆۋەن بولىدىكەن.

  مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، شەھەر رايونىدا كۈندۈزلۈك يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئەسلىدىكى 13 سېلسىيە گىرادۇستىن 6 سېلسىيە گىرادۇسقا، ئەتىگەن - كەچتىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرا ئەسلىدىكى 4 سېلسىيە گىرادۇستىن 0 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر