باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بېيجىڭدىن ئايرىلىپ فىنلاندىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى ۋە ئامېرىكىنىڭ فىلورىدا ئىشتاتىغا بېرىپ جۇڭگو-ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ

شى جىنپىڭ خېلسىنكىغا بېرىپ، فىنلاندىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

2017.04.05 14:57   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ خېلسىنكىغا بېرىپ، فىنلاندىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4-ئاپرېل مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن خېلسىنكىغا بېرىپ، فىنلاندىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.

  شى جىنپىڭ فىنلاندىيە مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن فىنلاندىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئۇلارغا ياخشى تىلەكلەرنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقى چوڭقۇر.

  شى جىنپىڭ فىنلاندىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ فىلورىدا ئىشتاتىغا بېرىپ، مار ئا لاگو قورۇقىدا جۇڭگو-ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ فىنلاندىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى نىنىستو، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، فىنلاندىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھەم ئامېرىكىنىڭ فىلورىدا ئىشتاتىغا بېرىپ مار ئا لاگو قورۇقىدا جۇڭگو-ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن 4-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭدىن ئايرىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·دوكتورلۇق، ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانى بېرىشنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشنىڭ يېڭى بەلگىلىمىسى چىقىرىلدى
    ·شىنجاڭدا تاللاپ ئىشلىتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى توردا تىزىملىتىش بۈگۈندىن باشلىنىدۇ
    ·شىنجاڭدا تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانى 6- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 23- كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە …
    ·بۇ يىل شىنجاڭدىن 20 مىڭدىن ئارتۇق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ، ئەلا مائ…
    ·ئۈرۈمچى شەھىرىدە 2017- يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش خىزمىتى 28- مارت…
    ·مەملىكەت بويىچە ئوقۇتقۇچىلارنى باشقۇرۇشتىكى ئۇچۇر سىستېمىسى قوزغىتىلدى 
    ·قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستان ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدە بىرلەشمە …
    ·شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەر يېڭىدىن 38 تولۇق كۇرس كەسپىنى كۆپەيتتى
    ·بۇ يىل تارباغاتاي ۋىلايىتىدە يېڭىدىن 128 قوش تىل يەسلىسى سېلىنىدۇ
    ·«بالىلار دوختۇرى كەمچىل»لىك ئەھۋالىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، بۇ يىل 20 ئالىي مەكتەپتە بالىلار كېسەللىكلىرى…