باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چوكانتال بايرىمى مەزگىلىدە، شىنجاڭ تۆمۈر يولىدا 405 مىڭ يولۇچى توشۇلۇپ، توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقىدىن ئۈچ ئۈلۈش ئاشتى

2017.04.05 14:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاپرىل، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى تۆمۈريول تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، 1-ئاپرىلدىن 4-ئاپرىل چوكانتال بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئاخىرلاشقىچە، شىنجاڭ تۆمۈريولىدا توشۇلغان يولۇچى جەمئى 405 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %32.4 ئاشقان؛ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە يولۇچى توشۇش مىقدارى 101 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن. يولۇچى توشۇش يۇقىرى ئېقىمى 2-ئاپرىل كۈنى كۆرۈلگەن، شۇ كۈنى ئاپتونوم رايون بويىچە تۆمۈريولدا توشۇلغان يولۇچى 118 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30.8 ئاشقان.

  25-مارت ئۈرۈمچى-خوتەن ئارىلىقىدا يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ناملىق تېز سۈرئەتلىك يولۇچىلار پويىزىنىڭ قاتنىشى باشلانغاندىن بۇيان، جەنۇبىي شىنجاڭغا قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزى 18 جۈپكە يەتتى ۋە بۇ نۆۋەتلىك يولۇچىلار پويىزى 23 سائەت 22 مىنۇتلۇق مۇساپە بىلەن شىنجاڭنىڭ ئەڭ غەربىي جەنۇبىدىكى خوتەننى «ئۈرۈمچىدىن بىر كۈندە يېتىپ بارغىلى بولىدىغان شەھەرلەر چەمبىرىكى» دائىرىسىگە كىرگۈزدى.

  بۇ نۆۋەتلىك پويىز قاتنىشى باشلانغاندىن بۇيان، يولۇچىلار ئېقىمى سانىدا يۇقىرى ھالەت ساقلىنىپ، يولۇچىلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا بېرىشتىكى ئالدىنقى تاللىشى بولۇپ قالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر