باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدا بىر قەۋەتلىك تۇرالغۇ ئۆيلەر سېتىۋېلىشقا چەك قويۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى

2017.04.05 14:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر قەۋەتلىك تۇرالغۇ ئۆيلەرنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، 3- ئاپرېل، بېيجىڭ شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى كومىتېتى «دۆلەت ئىلىكىدىكى يەر ئۈستىدىكى بىر قەۋەتلىك تۇرالغۇ ئۆيلەرنى سېتىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش» چىقىرىپ، بىر قەۋەتلىك تۇرالغۇ ئۆيلەرنى سېتىۋېلىشقا چەك قويۇش دائىرىسىگە كىرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

  مەزكۇر «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: بىر قەۋەتلىك تۇرالغۇ ئۆيلەرنى سېتىش ئوبيېكتى قىلىنغان ئائىلىلەر ئەگەر ئاھالىلەردىكى ئائىلىلەر بولىدىغان بولسا، ئۇنداق ئۇ خىل ئائىلىلەر مەزكۇر ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغان كۈنىدىن باشلاپ، تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ بىرىگە ئۇيغۇن كەلگەن بولۇشى كېرەك: يەنى، تېخىچە تۇرالغۇ ئۆيگە ئىگە بولالمىغان مەزكۇر شەھەر نوپۇسىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئائىلىسى (بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەرنىڭ ئائىلىلىرى، ھەربىي خىزمەت ئۆتەۋاتقان قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئائىلىلىرى ۋە «بېيجىڭ شەھىرىدە خىزمەت قىلىدىغانلىق ۋە ئولتۇراقلاشقانلىق ھەققىدىكى كۈچكە ئىگە كىنىشكىسى» بار ئائىلىلەر دېگەندەكلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تۆۋەندىمۇ شۇنداق) ياكى بويتاقلار؛ بىر يۈرۈش تۇرالغۇ ئۆيى بولغان مەزكۇر شەھەرنىڭ نوپۇسىدىكى ئاھالىلەر؛ مەزكۇر شەھەرنىڭ نوپۇسىدا بولمىغان ھەمدە مەزكۇر شەھەردە تۇرالغۇ ئۆيگە ئىگە بولالمىغان، ئەمما مەزكۇر شەھەردە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياكى شەخسىي تاپاۋەت بېجى دېگەنلەرنى ئۇدا تاپشۇرۇپ كەلگىلى بەش يىلدىن ئاشقان (بەش يىلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئاھالىلەردىكى ئائىلىلەر دېگەندەك شەرتلەرگە توشقان بولۇشى كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار بەلگىلەندى: تۆۋەندىكىدەك ئائىلىلەرگە بىر قەۋەتلىك تۇرالغۇ ئۆي سېتىش توختىلىدۇ: يەنى، بىر يۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن كۆپ ئۆيگە ئىگە بولغان مەزكۇر شەھەرنىڭ نوپۇسىدىكى بويتاقلار ۋە مەزكۇر شەھەرنىڭ نوپۇسىدا بولمىغان ئاھالىلەر؛ ئىككى يۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن كۆپ ئۆيگە ئىگە مەزكۇر شەھەرنىڭ نوپۇسىدىكى ئاھالىلەر؛ مەزكۇر شەھەردە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياكى شەخسىي تاپاۋەت بېجى دېگەنلەرنى ئۇدا تاپشۇرۇپ كەلگىلى بەش يىلدىن ئارتۇق بولغانلىق (بەش يىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئىسپاتىنى تەمىنلەشكە ئامالسىز بولغان مەزكۇر شەھەرنىڭ نوپۇسىدا بولمىغان ئاھالىلەر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر