سۈرەتتە: 4- ئاينىڭ 4- كۈنى، شەرقىي شىمال ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە سارىيى يېنىدىكى جاۋ يىمەن خاتىرە مەيدانىدا، شەھەر ئاھالىلىرى ئۆزلۈكىدىن جاۋ يىمەن خاتىرە ھەيكىلىگە گۈل تەقدىم قىلماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى چوكانتال بايرىمى ئىدى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى خاربىن شەھىرىدە نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ۋە شەھەر ئاھالىلىرى ئۆزلۈكىدىن شەرقىي شىمال ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە سارىيى ۋە شەرقىي شىمال ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى بىرلەشمە ئارمىيە مۇزېيىغا كېلىپ كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ھەمدە قەھرىمانلارنى ياد ئەتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى