باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ پەرمانىغا ئىمزا قويۇپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «دېھقانچىلىق دورىلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى» نى ئېلان قىلدى

2017.04.05 14:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا گوۋۇيۈەننىڭ 677-نومۇرلۇق پەرمانىغا ئىمزا قويۇپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «دېھقانچىلىق دورىلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ) نى ئېلان قىلدى، بۇ «نىزام» 2017-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  «نىزام» دا مۇنۇلار بەلگىلەندى: دۆلەت بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئەرزان دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىشلىتىش، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى كەسىپلەشتۈرۈپ ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە دېھقانچىلىق دورىلىرى كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ. دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلەچىقارغۇچى كارخانىلار ۋە دېھقانچىلىق دورىلىرى تىجارەتچىلىرى ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان ۋە تىجارەت قىلىۋاتقان دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئۈنۈمدارلىقىغا مەسئۇل بولۇشى، ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى ۋە جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك.

  «نىزام» دا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئېلىمىزدە ئىشلەپچىقرىش ۋە ئېلىمىزگە ئېكوسپورت قىلىشتا تىزىمغا ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىپ، تىزىمغا ئالدۇرۇپ سىناق قىلىش، تىزىمغا ئالدۇرۇپ باھالاش ئارقىلىق، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىكىنى باشقۇرغۇچى تارماقلىرى دېھقانچىلىق دورىلىرىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش گۇۋاھنامىسىنى بېرىدۇ ھەم ئېلان قىلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر