باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

سانت پېتىربورگ شەھىرىدە مېترودا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئېغىر تالاپەت كۆرۈلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن شى جىنپىڭ پۇتىنغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

لى كېچياڭ مېدۋېدېۋغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2017.04.05 14:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4-فېۋرال رۇسىيەنىڭ سانت پېتىربورگ شەھىرىدىكى مېترودا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئېغىر تالاپەت كۆرۈلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن زۇڭتۇڭ پۇتىنغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيەنىڭ سانت پېتىربورگ شەھىرىدىكى مېترودا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئېغىر تالاپەت كۆرۈلگەنلىكىدىن قاتتىق چۆچۈدۈم. جۇڭگو كىشىنى غەزەپلەندۈرىدىغان بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم شەخسىي نامىمدىن تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، يارىدارلار ۋە تالاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

  بۇ مۈشكۈل پەيتتە، جۇڭگو خەلقى رۇسىيە خەلقى بىلەن قەتئىي بىر سەپتە تۇرىدۇ. جۇڭگو ھەر قانداق شەكىلدىكى تېررورىزمغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. رۇسىيە ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىللە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دۇنيا ۋە رايون تىنچلىقى، بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى خالايدۇ.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4-فېۋرال تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 4-فېۋرال رۇسىيەنىڭ سانت پېتىربورگ شەھىرىدىكى مېترودا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئېغىر تالاپەت كۆرۈلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن زۇڭلى مېدۋېدېۋغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر