باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بۇلۇش» پائالىيىتى تۇغقانلارنىڭ رىشتىنى تېخىمۇ چىڭىتتى

2017.04.05 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام ئۇلۇغ، ئەنۋەر ياسىن خەۋىرى) يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئونسۇ ناھىيەلىك مەدەنىيەت -تەنتەربىيە ، رادىيو -كىنو -تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدىن چاغراق يېزىسىنىڭ چاغراق كەنتىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار ئېلىپ بارغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى يىراق-يېقىندىكى تۇغقانلارنىڭ رىشتىنى تېخىمۇ چىڭىتتى. ھەر مىللەت قېرىنداشلار كەنت قوروسىغا جەم بۇلۇپ، «قول تۇتۇشۇپ دوستلشىش، ئۆزئارا سوۋغا تەقدىم قىلىش، بىرگە تاماق يەپ تۇغقان بۇلۇش، قوش تىلدا ناخشا ئېيتىش» قوشماقلىشىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ، قۇمئېرىق دەرياسى ۋادىسىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۆزئارا ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا ياردەملىشىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، بىرلىكتە ئىلگىرلەپ گۈزەل، بەختىيار تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىشتەك ئىناقلىق مارشىنى بىرلىكتە ياڭراتتى.

  چاغراق كەنت 2-مەھەللىدىكى 70 ياشلىق دېھقان رۇسۇل مەمتايۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى 15 يىلدىن بۇيان، كەنتىمىزدىكى ئۇيغۇر-خەنزۇ قېرىنداشلار بىرلىكتە ئۆزئارا ئىناق، ئىجىل ياشاپ، چوڭقۇر دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمىز. مۇندىن كېيىن كەنتىمىزدىكى خەنزۇ قېرىنداشلار بىلەن قۇيۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدە باشتىن ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتىمىزنى مەڭگۇ داۋاملاشتۇرىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر