باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يىغىلىش سىگنالى بېرىلىپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئاتاكا سىگنالى چېلىندى

ـــ خوتەن شەھىرىدىكى قوراللىق سۈر-ھەيۋە كۆرسىتىش مانېۋىر مەشىقى نەق مەيدان خەۋىرى

2017.04.05 14:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاپرىل، خوتەن شەھىرىنىڭ خەلق كوچىسىدا نەچچە مىڭلىغان مەردانە جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر-ساقچىلىرى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى قولىغا مىلتىق ئالغان، قەددىنى تىك تۇتقان، بېشىنى ئېگىز كۆتۈرگەن ھالدا سەپ بولۇپ تىزىلدى، ئۇلارنىڭ ئوت بولۇپ چاقنىغان كۆزلىرىدىن قەتئىيلىكى، يۈزىدىن ساداقەتمەنلىكى ئەكىس ئېتەتتى. موتسېكىلىت زەربىدارلار ئەترىتى يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە تىزىلدى، زوراۋانلىقتىن مۇداپىئەلىنىش، تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ئاپتوموبىللىرى، بىرونېۋىكلار، خەۋەرلىشىش ئاپتوموبىللىرى سەپ بولۇپ تىزىلىپ، ھەر ۋاقىت تەق بولۇپ تۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم خوتەن ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، خوتەن شەھىرىدە يەنە بىر قېتىم تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاش يىغىلىش سىگنالى بېرىلىپ، قوراللىق ھەيۋە كۆرسىتىش ئاتاكا سىگنالى چېلىنىپ، قوراللىق سۈر-ھەيۋە كۆرسىتىش مانىۋېرى ئۆتكۈزۈلدى. ھەيۋەتلىك قوشۇنغا سەرخىل قوراللار سەپلىنىپ، مۇقىملىقنى قوغداش قوشۇنىنىڭ كۈچى ئەكىس ئەتتۈرۈلۈپ، ئۇلارنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداشتىن ئىبارەت مۇستەھكەم ئىرادىسى ۋە ئىشەنچى نامايان قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر