باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب» مەكتەپلەرگە ئېلىپ كىرىلدى

2017.04.05 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋەر قىلىدۇ) يېقىندا، ئاۋات ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات ئۆمىكى ئاۋات ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك «مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى مۇنەۋۋەر شەخس» ئۇبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننىڭ «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب»نى ئېلىپ كىرىپ ئەمەلىي، كونكرېت، جانلىق مىساللار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ سۆزلەپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزدى.

  15 يىللىق پارتىيە ئەزاسىلىق ئىستاژىغا ئىگە پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى تۇرسۇنجان ھەسەن ھەر قايسى چوڭ ئاخبارات ۋاسىلىرىدىن خوتەن ۋىلايىتى كېرىيە ناھىيەسى جاي يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى ئۇبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننىڭ «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب» ناملىق ماقالىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، دەرھال تەشۋىقات ماتېرىيالى تەييارلاپ، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىل بىلەن ئاممىغا يەتكۈزدى.

  پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار تەشۋىقاتتىن ئىلھاملىنىپ، ئۇبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يازغان بۇ خەتتە پارتىيە ۋە ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىقىمىز، دۆلەت ۋە خەلققە بولغان سادىقلىقىمىز ۋە «ئۈچ خىل كۈچ»لەر بىلەن قەتئىي كۆرەش قىلىش ئىرادىمىز ناھايىتى يارقىن ئىپادىلىنىپتۇ،-دېيىشتى ھەمدە بەس-بەستە بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئورتاق تۇنۇش ھاسىل قىلىپ، باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇردىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

  ئاۋات ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى گۇلباھار ئەنۋەر مۇنداق دېدى: ھازىر جەنۇبىي شىنجاڭدا ئۇقۇش پۇلى ئېلىنمايدۇ، ئوقۇغۇچىلار ياتىقى ھەقسىز، دەرسلىك كىتابلار ھەقسىز تارقىتىلىدۇ. پارتىيەنىڭ مائارىپ سىياسەتلىرى ناھايىتى ياخشى، بىز چۇقۇم تەستە قولغا كەلگەن تۇرمۇشىمىزنى قەدىرلەپ، ھەر مىللەت ئاممىسى خۇددى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشى قوغداپ، ئىناق، گۈزەل تۇرمۇشىمىزغا ھەرقانداق ئادەمنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز.

  ئاۋات ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئايجامال سېتىۋالدى مۇنداق دىدى: مەن تەشۋىقاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بۇلدۇم. پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۇزۇۈش سىياسەتلىرىدىن نەپگە ئېرىشكەن خەلق ئۇقۇتقۇچىسى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا چەكسىز سادىق بولۇپ، مائارىپ ئىشلىرىغا ئۆزۈمنى بېغىشلاپ، ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەربىيەنى كۈچەيتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»لەرگە قاقشاتقۇچ زەربە بىرىپ، ئىجتىمائى مۇقىملىقنى قۇغداپ،

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلايمەن.

  ئوقۇشىمىزچە، ئاۋات ناھىيەلىك تەشۋىقات ئۆمىكى ئۇبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننىڭ «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا خىتاب» ناملىق خېتىنى ناھىيە دەۋەسىدىكى ھەر قايسى مەكتەپلەرگە ئېلىپ كىرىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر