باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز ئائىلە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا دەل جايىدا ياردەم بېرىش دەرىجىسىنى ئۆستۈردى

2017.04.05 14:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 3-فېۋرال، 2017-يىللىق ئوقۇغۇچىلار ياردەم مەبلىغىنى باشقۇرۇش مەركىزى مۇدىرلار خىزمەت يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز «ئائىلە ئىقتىسادى قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن ئوقۇشتىن توختاپ قالىدىغان بىرمۇ ئوقۇغۇچى بولماسلىق»نى نىشان قىلىپ، دەل جايىدا ياردەم بېرىش ۋە ياردەم بېرىپ ئادەم تەربىيەلەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرىدىكەن.

  ئوقۇغۇچىلارغا دەل جايىدا ياردەم بېرىش جەھەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز نۆۋەتتىكى بېكىتىش چارىسى ئاساسىدا، ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەرنىڭ ئائىلە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى بېكىتىش چارىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەرنىڭ تولۇق، توغرا بېكىتىشى ئۈچۈن ئاساس سېلىپ، ئوبيېكتنى توغرا بېكىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىكەن؛ مەبلەغ جەھەتتە، ھەر قايسى جايلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ۋە ھەر قايسى مەكتەپلەردىكى ئائىلە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىگىلىگەن سالمىقى بويىچە، مەبلەغ خامچوتىنىڭ توغرا ئاجرىتىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، «بىر پىچاق بىلەنلا كېسىۋىتىش»نىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر