باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭغا مەركەز خامچوتىدىن 839 مىليون يۈەن نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇلدى

2017.04.05 16:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلىتىمىز يېقىندا 2017-يىلى بىرىنچى تۈركۈمدىكى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش قۇرۇلۇشىنىڭ مەركەز خامچوتىدىكى مەبلەغ سېلىش پىلانىنى چۈشۈردى، پىلانغا ئاساسەن شىنجاڭغا مەركەز خامچوتىدىن 839 مىليون يۈەن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇ مەبلەغ ئارخىپ تۇرغۇزۇلغان 83 مىڭ 900 نامرات كىشىنى كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرىدىغان تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدۇ، كىشى بېشىغا 10 مىڭ يۈەندىن توغرا كېلىدۇ.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مەركەز خامچوتىدىكى مەبلەغدىن باشقا يەنە گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى، مالىيە مىنىستىرلىقى ۋە خەلق بانكىسى بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭغا 2017-يىلى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش قوشۇمچە ئۆسۈملۈك قەرزىدىن 2 مىليارد 936 مىليون 500 مىڭ يۈەن چۈشۈرگەن.

  ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىرىنچى تۈركۈمدىكى 67 مىڭ 880 كىشىگە تۇرالغۇ سېلىش ۋەزىپىسىنى ئالاقىدار ۋىلايەت (ئوبلاست)، ناھىيە (شەھەر، رايون)غا چۈشۈرگەن، ھەمدە دۆلەتلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسى، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى شىنجاڭ شۆبىسى بىلەن يۈرۈشتۈرۈلگەن مەبلەغنى ئۇلاشتۇرغان. ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلار ناھىيە، شەھەرلەر يىللىق نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشنىڭ يولغا قويۇش لايىھەسىگە تەستىق سېلىشنى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلەردە بالدۇرراق ئىش باشلاشقا كاپالەتلىك قىلىۋېتىپتۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئارخىپ تۇرغۇزۇلغان كۆچۈرۈلگەن ئائىلىلەردىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تۇرالغۇنى 25 كىۋادرات مېتىردىن ئاشۇرماسلىق ئۆلچىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، كۆچۈرۈلگەن ئاممىنىڭ ئۆي سېلىش سەۋەبلىك قەرزگە بوغۇلۇپ قېلىشىنىڭ، ئۆي سېلىش سەۋەبلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا دەخلى يېتىپ قېلىشىدىن ساقلىنىمىز.

  «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 13-بەش يىللىق نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش قۇرۇلۇشىنىڭ 2016-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان پىلانى»غا ئاساسەن، 2018-يىلىغىچە، ئاپتونوم رايون ئارخىپ تۇرغۇزۇلغان 110 مىڭ نامرات نوپۇسنى كۆچۈرۈپ يۆلەش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، نامرات ئاممىنىڭ تۇرالغۇ كۆلىمىنى 50 تىن 80 كىۋادراتمېتىرغىچە يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ بىخەتەر ئىچىملىك سۇ ئىچىشى، قولاي سەپەرگە چىقىشى، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا توك ئىشلىتىشى قاتارلىق ئاساسىي ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ، مائارىپ، داۋالىنىش، مەدەنىيەت قاتارلىق ئاممىۋىي مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى ئاساسەن يۈرۈشلەشتۈرىدۇ.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ بۇ يىللىق دوكلاتىدا: شىنجاڭ بۇ يىل ئارخىپ تۇرغۇزۇلغان 83 مىڭ 900 نامرات كىشىنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەيدۇ، يېڭىچە شەھەر-بازالارشتۇرۇش، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كەسىپنى راۋاجلاندۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، 590 مىڭ نامرات كىشىنى ئۆز قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىدۇ، 800 نامرات كەنتنى نامرات كەنتلەر قاتارىدىن چېكىندۈرىدۇ، 10 نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلايدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر