- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئامېرىكىدا زىكا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان %10 ھامىلىدار ئايالنىڭ قورسىقىدىكى ھامىلىدە فىزىئولوگىيەلىك كەمتۈكلۈك كۆرۈلگەن
2017.04.06 16:12 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىملىرى 4- ئاپرېل مۇنداق دېگەن: بۇلتۇرقى ھامىلىدار مەزگىلىدە زىكا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ھەر 10 ئامېرىكان ئايالنىڭ ئىچىدە بىرىنىڭ قورسىقىدىكى ھامىلىدە ياكى تۇغۇلغان بوۋاقتا فىزىئولوگىيەلىك كەمتۈكلۈك كۆرۈلدى.
ئامېرىكا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزى (CDC) ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا دېيىلىشىچە، بۇلتۇر زىكا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بېكىتىلگەن 250 نەپەر ئايالنى ئىز قوغلاپ تەتقىق قىلغان. مەزكۇر دوكلات بولسا، پاشا ئارقىلىق يۇقۇملانغان زىكا ۋىرۇسى بۇلتۇر ئامېرىكىغا تارقالغاندىن كېيىن، بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى تەتقىقات ھېسابلىنىدىكەن. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: بۇ خىل ئاياللارنىڭ ئىچىدە، 24ىنىڭ قورسىقىدىكى ھامىلىسى ياكى تۇغۇلغان بوۋاقلىرىدا فىزىئولوگىيەلىك كەمتۈكلۈك كۆرۈلگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر