باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى خىزمەتچىلەر ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى رەسمىي يولغا قويۇلدى

2017.04.07 14:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل 28-فېۋرال، بەي چياڭ «مېڭە غول تومۇرى ئۆسمىسى» دەپ دىئاگنوز قويۇلۇپ، ئازادلىق ئارمىيە 474-دوختۇرخانىسىدا يېتىپ داۋالاندى، داۋالاش خىراجىتى جەمئىي 280 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. ئەگەردە شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى بويىچە راسچوت قىلمىسا، ئۇ ۋاقىتتا داۋالاش چىقىمىنىڭ شەخس كۆتۈرىدىغان قىسمى 69 مىڭ يۈەندىن ئوشۇق بولاتتى. شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزى پەقەت 42 مىڭ يۈەندىن ئارتۇقراقىنى تۆلىسىلا بولىدىغان بولدى. يەنى مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن 27 مىڭ يۈەن پۇلنى تېجەپ بەردى.

  ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت قىلىۋاتقان مەزگىلدىكى داۋالىنىش خىراجىتىنىڭ ئۆزى كۆتۈرىدىغان قىسمى 28 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، ئېشىپ كەتكەن قائىدىگە مۇۋاپىق داۋالىنىش خىراجىتى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى خىزمەتچىلەر ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىدىن ئاتچوت قىلىنىدۇ. ئەگەردە داۋالىنىش خىراجىتى 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولسا (50 مىڭ يۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، %50 بويىچە؛ 50 مىڭ يۈەندىن 100 مىڭ يۈەنگىچە بولسا، %60 بويىچە؛ 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى قىسمى %70 بويىچە ئاتچوت قىلىنىدۇ. ئاتچوت قىلىش سوممىسىغا يۇقىرى چەك قويۇلمايدۇ. ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى خىزمەتچىلەر ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى «بىر كارتا شەكلى» بىلەنلا ئاتچوت قىلىنىدۇ، بىمار كېسەلخانىدا ياتقان چاغدا ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىنى بەرسىلا، دوختۇرخانىدىن چىققاندا داۋالاش خىراجىتى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئاتچوت قىلىپ بېرىلىدۇ.

  ئىگىلەشكە قارىغاندا، ئاپتونوم رايونىمىزدا داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى خىزمەتچىلەردىن 230 مىڭ كىشى بار ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر