خەلق تورى خېلىنىسكىي 5- ئاپرېل تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 5- ئاپرېل كەچ، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ فىنلاندىيە زۇڭتۇڭى نىنىستو بىلەن خېلىنىسكىيدا ئەمدىلا ئاياغلاشقان 2017- يىللىق دۇنيا فىگورا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىغا قاتناشقان جۇڭگو- فىنلاندىيە قارمۇز تەنھەرىكەتچىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭنىڭ رەپىقسى پېڭ لىيۈەن بىلەن نىنىستونىڭ رەپىقىسى جاۋجىئو كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ قارمۇز تەنھەرىكەتچلىرى ۋەكىللىرى بىلەن سەممىي سۆھبەتلەشتى ھەمدە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. شى جىنپىڭ فىنلاندىيەنىڭ 2017- يىللىق دۇنيا فىگورا چىقىرىپ مۇز تېيىلىش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكى، ئىككى دۆلەت تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرىنىڭ مۇسابىقىدە ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەنتەربىيە ساھەسىدىكى ئالاقە جۇڭگو- فىنلاندىيەنىڭ دوستانە مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۆۋرۈك. فىنلاندىيە قىشلىق تەنھەرىكەت بۆشۈكلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا قارمۇز تەنھەرىكتىدىكى كۈچلۈك دۆلەت، كۆپلىگەن تەرەپلىرى جۇڭگونىڭ ئۆگىنىشى ۋە ئۈلگە قىلىشىغا ئەرزىيدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى قىشلىق تەنھەرىكەت ساھەسىدە كۆپ ھەمكارلاشتى. ئىككى تەرەپ 2022- يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈزلىدىغان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، قىشلىق تەنھەرىكەت ساھەسىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى