- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭ 1-پەسىلدە تۆمۈريول يۈك تىرانسپورت مىقدارى جەھەتتە مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى
2017.04.07 11:15 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 5-ئاپرىل ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1-پەسىلدە ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %73.9 ئېشىپ، مال تىرانسپورتىنىڭ ئېشىش مىقدارى جەھەتتە ئۇدا ئۈچ ئاي مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى، مۇشۇ پەسىللىك يولۇچى توشۇش مىقدارى جەھەتتىمۇ يېقىنقى 60 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى سەۋىيەنى يارىتىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى، يادرولۇق رايوننىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنىڭ بارغانسىرى زورىيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق 17 كارخانىسى ۋە شىنجاڭدىكى چوڭ كارخانىلار بىلەن تۇنجى قېتىم كوللېكتىپ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۈرۈمچى، كۈيتۇن، كورلا، قەشقەر، قۇمۇل قاتارلىق بەش رايوننىڭ تۆمۈريول يۈك تىرانسپورت مەركىزىگە ۋەكالىتەن شۇ رايون تەۋەلىكىدىكى 30 نەچچە كارخانا بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا
ئالاقىدار خەۋەرلەر