باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خېبېي مەركەزنىڭ شيوڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈردى

2017.04.06 15:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خېبېي ئۆلكىلىك پارتكوم يېقىندا پۈتۈن ئۆلكىنىڭ رەھبىرى كادىرلار يىغىنىنى ئېچىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ خېبېي شيوڭئەن يېڭى رايونى تەسىس قىلىش ھەققىدىكى مۇھىم ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردى. خېبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاۋ كېجى مۇنداق دېدى: خېبېي شيوڭئەن يېڭى رايونىنى پىلانلاش، قۇرۇش-مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىستراتېگىيەلىك تاللاش بولۇپ، بېيجىڭنىڭ پايتەختتىن باشقا ئىقتىدارىنى تارقاقلاشتۇرىدىغان، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ تەڭكەش تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرىدىغان تارىخىي قۇرۇلۇش، نوپۇس، ئىقتىساد زىچ توپلاشقان رايونلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ شەھەر ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە بوشلۇق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ھەم سەرخىللاشتۇرۇش، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى يېڭى ماتورىنى بارلىققا كەلتۈرۈشتە، مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. خېبېي بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچەيتىپ، شيوڭئەن يېڭى رايونىنى پىلانلاش، قۇرۇشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى پۇختا، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

  جاۋ كېجى مۇنداق دېدى: ئالدىن پىلانلاش، ئارقىدىن ھەرىكەتكە كېلىشتە چىڭ تۇرۇپ، پىلانلىق يېتەكلەش، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تەرەپلىرىگە ماسلىشىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى مۇجەسسەملەپ، خەلقئارادىكى ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىپ، شيوڭئەن يېڭى رايونىنىڭ ئومۇمىي پىلانىنى ياخشى تەشكىللەپ تۈزۈش، ھەر بىر غېرىچ يەرنىمۇ ئېنىق، توغرا پىلانلىغاندىن كېيىن ئاندىن قۇرۇلۇش باشلاپ، نۇرغۇن بەلگىلىمىلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر پىلان بىلەن ئاخىرىغىچە ئۈزۈل-كېسىل ئىشلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

  يەرلىكتىكى پۇقرالارمۇ شيوڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇشتىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتتى. شيوڭشيەن ناھىيەسىنىڭ ئاھالىسى لى ئەپەندى مۇنداق دېدى: مەن شيوڭئەن يېڭى رايونىنىڭ قۇرۇلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم، ئاڭلىشىمچە، شېنجېن، پۇدۇڭغا ئوخشاش ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇلىدىكەن، بۇنىڭ بىز پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا ھەقىقەتەن زور پايدىسى بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر