خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خوتەنگە بارغاندا چوقۇم بارمىسا بولمايدىغان جاي خوتەننىڭ كەچلىك بازىرى ئىكەنلىكىنى بەلكىم بىلىشىڭىز مۇمكىن. كەچ كىرىپ، چىراغلار يورۇغاندا، خوتەننىڭ كەچلىك بازىرى قىزىشقا باشلايدۇ. كىشىلەر ئۈچتىن-تۆتتىن بولۇپ ئۇياق-بۇياقلاردىن كېلىشىدۇ، بىر تەرەپتىن ئايلانغاچ، بىر تەرەپتىن تائاملارنى تېتىپ باقىدۇ.
قاقلاپ پىشۇرۇلغان پۈتۈن قوي كاۋىپى، ئۆپكە-ھېسىپ، كاۋاپ، لەڭپۇڭ، مۇچ بىلەن پىشۇرۇلغان ئاچچىق توخۇ گۆشى، قاقلاپ پىشۇرۇلغان تۇخۇم، ماروژنى، قېتىق، تاۋۇز... كىشىنىڭ ئاغزىغا سېرىق سۇ كەلتۈرىدىغان تۈرلۈك مەززىلىك تائاملارنىڭ ھەممىسى بولۇپ، سىزنى قىزىقتۇرۇپ، قەدىمىڭىزنى ئىختىيارسىز ئاستىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. بىردەم ئوڭغا قاراپ، بىردەم سولغا قاراپ، ئاۋۋال نېمىنى يېيىشىڭىزنىمۇ بېكىتەلمەي قالىسىز.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى