باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدا دورىگەرلىك بىلەن داۋالاش ئايرىۋېتىلىپ دورا باھاسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %20 چۈشۈرۈلدى

2017.04.06 15:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ياڭگۇاڭ دورا سېتىش سۇپىسى تۇنجى قېتىم تاراتقۇلارغا ئېچىۋېتلدى. ھازىر ياڭگۇاڭ دورا سېتىش سۇپىسىدا دورا سېتىلىشقا باشلاندى، سۇپىدا 7000دىن ئارتۇق تۈر، 40 مىڭدىن ئارتۇق مەھسۇلات داۋالاش ئاپپاراتلىرى تەرىپىدىن ئىشلىتىلىپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ غەربچە دورىلار، جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى ۋە بىئولوگىيەلىك بۇيۇملارغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇردى. بېيجىڭ شەھەرلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ ئەزاسى گاۋ شىياۋجۈن مۇنداق دېدى: ياڭگۇاڭ دورا سسېتىۋېلىش سۇپىسى ئېچىلغاندىن كېيىن، دورا باھاسىنىڭ ئوتتۇرىچە چۈشۈش نىسبىتى %8 كە يېتىپ، دورا قۇشۇمچە ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، داۋالاش ئسلاھاتىدىن كېيىنكى دورا باھاسى %20 ئەتراپىدا چۈشىدۇ.

  8-فېۋرالدىن باشلاپ، بېيجىڭ شەھىرىدە، دورىگەرلىك بىلەن داۋالاشنى ئايرىۋېتىش ئونۋېرسال ئىسلاھاتى رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ. ياڭگۇاڭ دورا سېتىۋېلىش سۇپىسى خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قۇيۇلۇشى ئۈچۈن، داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە يەتكۈزگۈچى سودىگەرلەر ياڭگۇاڭ دورا سېتىۋېلىش سۇپىسىغا سىستېمىلىق تۇتاشتۇرۇش ۋە تەڭشەشنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملاپ، 27-مارتتىن باشلاپ بۇ سۇپا ئارقىلىق يېڭى مەھسۇلاتلارنى بەس-بەستە سېتىۋالدى.

  گاۋ شىياۋجۈن ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بازارنى تەمىنلەش ئېھتىياجى يېتەرلىك بولغان دائىم ئىشلىتىلىدىغان دورىلارغا قارىتا، بېيجىڭ شەھىرىدە مەملىكەت بويىچە ئۆلكە دەرىجىلىك دورا سېتىۋېلىش ئەڭ تۆۋەن باھاسى ۋە شەھەر بويىچە ھۆكۈمەت داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ سېتىۋېلىش باھاسىنى بېكىتىپ، بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئوخشاش تۈردىكى دورىلارنىڭ باھاسى باشتىن-ئاخىر مەملىكەت بويىچە تۆۋەنرەك سەۋىيەدە بولۇشقا يۈزلەندۈرۈلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر