خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ئاپرېل خېلسىنكىدا فىنلاندىيە زۇڭتۇڭى نىنىستو بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو-فىنلاندىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 67 يىلدىن بۇيانقى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن زور يۈكسىلىشلەرگە ئىجابىي باھا بەردى، جۇڭگو بىلەن فىنلاندىيەنىڭ كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن يېڭىچە ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىدىغانلىقىنى ئورتاق جاكارلىدى، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت ئاتا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن فىنلاندىيە بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ. ئىككى دۆلەت خەلقلىرى باشتىن-ئاخىر دوستانە ئۆتمەكتە. فىنلاندىيە خەلقى يېڭى 100 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىگە ئاتلانماقتا، جۇڭگو خەلقىمۇ «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا. جۇڭگو بىلەن فىنلاندىيەنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجى جەھەتتىكى ماسلىشىشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك. ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكى ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىسىدىن تۇرۇپ، جۇڭگو-فىنلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا تەرەققىيات يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، ئۈستۈنلۈك ئارقىلىق بىر-بىرىنى تولۇقلاپ، ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات يوللىرىدا بىر-بىرىنى قوللىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ نىنىستوغا جۇڭگونىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى ۋە تەرەققىيات ئىستىقبالىنى تونۇشتۇردى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى