ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى جاكارلىدى: «داۋىد رەگەتكىسى» ناملىق ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا توسۇش سىستېمىسى ئىسرائىلىيەدە ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. «داۋىد رەگەتكىسى» ناملىق سىستېما ئىسرائىلىيەنىڭ كۆپ قاتلاملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. بۇ سىستېما يەنە ئىشلىتىلىشكە باشلىغان « تۆمۈر گۈمبەز» ناملىق قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى بىلەن يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ تەھدىتىدىن ئاساسلىق مۇداپىئەلىنىدىغان «ئوقيا»چە باشقۇرىلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نېيتانىياخۇ مۇراسىمدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «داۋىد رەگەتكىسى» ناملىق سىستېمىدا ئىشلىتىلىۋاتقان ئۆتكۈر تېخنىكا ئىسرائىلىيەنىڭ دۈشمەن بىلەن قارشىلىشىغا ياردەم بېرەلەيدۇ. بىزگە زەربە بەرمەكچى بولغان ھەر قانداق كىشى دەككىسىنى يەيدۇ. نېيتانىياخۇ يەنە: «داۋىد رەگەتكىسى»- ئىسرائىلىيە-ئامېرىكا مۇداپىئە ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم نامايەندىسى دېدى.