باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلىلەرنىڭ ئۆز ئاشخانىلىرىدا نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىشقا ئىلھام بەردى

2017.04.06 17:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھاۋانىڭ ئىسسىشىغا ئەگىشىپ، مەكتەپلەردە يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىدىغان ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر كۆپ يۈز بېرىدىغان ۋاقىت كېلىپ قالدى. يېقىندا يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ئائىت ۋەقەلەر ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشى دېگەندەك ۋەقەلەر بىر قانچە قېتىم يۈز بەردى. شۇنىڭ بىلەن، مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ھەرقايسى مەكتەپلەر يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى، ھەمدە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلىلەرنىڭ ئۆز ئاشخانىلىرى ۋە تاماق تەييارلاش ئۆيى قاتارلىق جايلاردا نازارەت قىلىپ تۇرۇش ئۈچۈن سىن ئېلىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىشقا ئىلھام بەردى. مۇشۇنداق قىلغاندا، يېمەكلىك تەييارلاش جەريانىنى ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىپ تۇرغىلى ۋە يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەپ چىقىرىش جەريانىنى ئاشكارە كۆرسىتىپ تۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى، ھەمدە ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ نازارەت قىلىشىنى ئاڭلىق ھالدا قوبۇل قىلىپ تۇرغىلى بولىدۇ.

  مەزكۇر «ئۇقتۇرۇش»تا يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاشخانا باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خام ئەشيا سېتىۋېلىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، تازىلاپ دىزىنفېكسىيەلەش ۋە سۇ ئىشلىتىش تازىلىقى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى قاتتىق باشقۇرۇش كېرەك. يېمەكلىك ماركىسى يوق، ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى يوق، ئىشلەپچىقىرىلغان زاۋۇتى يوق ۋە سۈپەت كاپالەت مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەن دېگەندەك ھالەتلەردىكى گۈرۈچ، ئۇن ۋە ياغ قاتارلىق يېمەكلىك خام مەھسۇلاتلىرى ۋە يېمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىش ۋە ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ. مال تەمىنلىگۈچىنىڭ يېمەكلىك تىجارەت ئىجازەتنامىسى قاتارلىق لاياقەتلىك ئىسپات ھۆججەتلىرىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈش ۋە سېتىۋالغان خام مەھسۇلاتلارنى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش شەرتى بويىچە ساقلاش كېرەك. يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى ئۆزلىرى تەكشۈرۈپ تۇرۇشنى قەرەللىك قىلىپ تۇرۇش كېرەك. كوللېكتىپ غىزا يەتكۈزۈش ئورۇنلىرىنىڭ تاماق بىلەن تەمىنلەش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، غىزا يەتكۈزۈپ بەرگۈچى ئورۇنلار يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى چوقۇم ئۆزلىرىنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلىش، كوللېكتىپ غىزالانغۇچى ئورۇنلار چوقۇم تاماق بىلەن تەمىنلىگۈچى ئورۇنلار بىلەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالىشى كېرەك.

  مەزكۇر «ئۇقتۇرۇش»تا يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەكتەپلەردە، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە يەسلىلەردە ئەتىگەنلىك تەكشۈرۈش، ئاغرىق سەۋەبىدىن دەرستىن قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېسەللىك سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە تىزىملاش تۈزۈمىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەمدە يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنى بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش ۋە بالدۇر بىر تەرەپ قىلىش دېگەندەك بىر قاتار خىزمەتلەرنى جايىدا ئىشلەش كېرەك. سىنىپ، قىرائەتخانا (كۇتۇپخانا)، تەجرىبىخانا، كوللېكتىپ ياتاق ۋە ئاشخانا قاتارلىق كىشىلەر توپلىشىدىغان سورۇنلارنىڭ ھاۋا ئالماشتۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ھەمدە ئۆي ئىچى ھاۋاسىنىڭ ساپلىقىنى ساقلاپ تۇرۇش دېگەندەك خىزمەتلەرنىڭمۇ ياخشى ئىشلىنىشىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئىچىملىك سۇ تازىلىقىنىڭ بىخەتەرلىك باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى لاياقەتلىك بىخەتەر ئىچىملىك سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  مەزكۇر «ئۇقتۇرۇش»تا يەنە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان: ئوخشاش بولمىغان پەسىللەردە يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ تارقىلىشى ۋە يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشتىكى ئالاھىدىلىكلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا، ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا قاراتمىلىقى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان تەشۋىقات-تەربىيە خىزمەتلىرىنى داۋاملىق تۈردە ئېلىپ بېرىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر