باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى: تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق دەرسلىرىنى يېتەرلىك، تەكشى تەسىس قىلىشنى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە خىزمىتىنى تەپتىش قىلىش-باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك

2017.04.11 14:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ تەنتەربىيىسىنى باھالاش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە خىزمىتى سەۋىيەسى ۋە مائارىپ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى 10-ئاپرېل «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە خىزمىتىنى تەپتىش قىلىش-باھالاش چارىسى» ئېلان قىلىپ، تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق دەرسلىرىنى يېتەرلىك، تەكشى تەسىس قىلىشنى تەپتىش قىلىش-باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزىدىغانلىقىنى بېكىتتى.

  چارىغا ئاساسەن، تەپتىش قىلىش-باھالاش ئاساسلىقى بىر تۇتاش پىلانلاپ باشقۇرۇش، ئوقۇ-ئوقۇتۇش، شارائىت كاپالىتى، باھالاش ئىمتىھانى، جىسمانىي ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلار بويىچە قانات يايدۇرۇلىدىكەن. ئوقۇ-ئوقۇتۇش جەھەتتە تەپتىش قىلىپ باھالىنىدىغان تۈرلەر تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق دەرسلىرىنى يېتەرلىك، تەكشى تەسىس قىلىش، چوڭ تەنەپپۇس تەنتەربىيە پائالىيىتى يولغا قويۇش، ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى چېنىقىشىنى كۈچەيتىش، تالا تەنھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش، دەرستىن سىرتقى مەشىق پائالىيەتلىرىنى پائال ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە مول مەزمۇنلۇق مۇسابىقە پائالىيەتلىرى تەشكىللەش، قەرەللىك ھالدا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئېچىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ تەپتىشلىكى كومىتېتى ئىشخانىسى ئەينى يىللاردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ تەنتەربىيە خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە ساقلانغان ئاجىز ھالقىلىرىغا ئاساسەن، تەپتىش قىلىش-باھالاش مۇھىم نۇقتىسىنى بېكىتىپ، تەپتىش قىلىش ئوبيېكتىنى ئىختىيارىي بېكىتىپ، مائارىپ مۇپەتتىشىنى ئىختىيارىي تاللاپ، نەق مەيداندا تەپتىش قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرۈپ، دۆلەت مائارىپ تەپتىشلىكى دوكلاتى تۈزۈپ، ۋاقتىدا جەمئىيەتكە ئاشكارىلايدىكەن.

  چارىدە يەنە جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيەسىنى تەپتىش قىلىش-باھالاش نەتىجىسىنى كادىرلارنى باھالاش، مەكتەپنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە مۇكاپاتلاش-جازالاشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىشى تەكىتلەندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر