باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ترامپ بىلەن جۇڭگو-ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى

2017.04.10 15:07   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ ترامپ بىلەن جۇڭگو-ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى ئامېرىكىنىڭ فلورىدا ئىشتاتىدىكى مار ئالاگو قورۇقىدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن جۇڭگو-ئامېرىكا دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى چوڭقۇر مەزمۇنلۇق، دوستانە، ئۇزاق داۋاملاشقان ئۇچرىشىش بولدى، ئىككى تەرەپ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي ئىلگىرىلەشلەرگە يۈكسەك باھا بەردى، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە دۇنيادىكى باشقا دۆلەت خەلقلىرىگە نەپ يەتكۈزۈشكە قوشۇلدى.

  چۈشتىن كېيىن سائەت 5تە، شى جىنپىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن بىلەن مار ئالاگو قورۇقىغا كەلدى، ترامپ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى مېلانىيە ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدا ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى، سەمىمىي پاراڭلاشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى ترامپنىڭ ئوغۇل ۋە قىز نەۋرىسى خەنزۇچە ئېيتقان «يەسىمەنگۈل» دېگەن ناخشىدىن ھەم ئۇلار يادلاپ بەرگەن «ئۈچ سۆزلۈكلەر دەستۇرى» ۋە تاڭ دەۋرى شېئىرلىرىدىن ھۇزۇرلاندى.

  شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشتا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىندىن بۇيان، زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ كەلدىم، كۆپ قېتىم تېلېفوندا كۆرۈشتۇق ۋە خەت ئالاقىسى قىلدۇق. زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ ئامېرىكىدا ئۇچرىشىشقا تەكلىپ قىلغانلىقىدىن خۇشال بولدۇم. زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، يېڭى مەزگىلدىكى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىشنى خالايمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى بولۇشى ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، دۇنياغىمۇ پايدىلىق. بىزنىڭ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئاساسىمىز كۆپ، بىراق جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى يىرىكلەشتۈرۈشكە ھېچقانداق ئاساسىمىز يوق. جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى نورماللاشقان 45 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، بىراق تارىخىي خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە زور ئەمەلىي مەنپەئەت ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بۇنىڭدىن كېيىنكى 45 يىلدا قانداق راۋاجلىنىدۇ؟ بۇ ھەقتە چوڭقۇر ئويلىنىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ سىياسىي ھۆكۈم چىقىرىپ، تارىخىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشىغا توغرا كېلىدۇ. مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بىللە يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئىنستىتۇت-فاكۇلتېت ۋە كەسىپ توسۇقى بۇزۇپ تاشلىنىدۇ
    ·بەش تارماق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتتى: كەسىپ تەسىس قىلىش، ئادەم قوبۇل قىلىش-ئىشلىتىشتە تې…
    ·بەش مىنىستىرلىق، كومېتىت ئالىي مەكتەپلەرنى  ئاپپارات تەشكىللەپ مەمۇرىي دەرىجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا…
    ·2020- يىلى دۆلىتىمىزدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى مائارىپى ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ
    ·بېيجىڭدا 2017- يىللىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىدا ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئادەتتىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا م…
    ·دوكتورلۇق، ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانى بېرىشنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشنىڭ يېڭى بەلگىلىمىسى چىقىرىلدى
    ·شىنجاڭدا تاللاپ ئىشلىتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى توردا تىزىملىتىش بۈگۈندىن باشلىنىدۇ
    ·شىنجاڭدا تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانى 6- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 23- كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە …
    ·بۇ يىل شىنجاڭدىن 20 مىڭدىن ئارتۇق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ، ئەلا مائ…
    ·ئۈرۈمچى شەھىرىدە 2017- يىللىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش خىزمىتى 28- مارت…