باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شياڭ جۈنبو ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، نۆۋەتتە تەشكىل تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ

2017.04.10 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، رەئىسى شياڭ جۈنبو ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغاچقا، نۆۋەتتە تەشكىل تەرىپىدىن تەكشۈرۈلمەكتە.

  شياڭ جۈنبو، ئەر، 1957-يىلى تۇغۇلغان، چوڭچىڭدىن، 1974-يىل 8-ئايدا ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتورى، تەتقىقاتچىسى. ھازىر جۇڭگو سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەئىسى، پارتكوم شۇجىسى. ئىلگىرى نەنجىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئىقتىسادىي تەپتىش مەھكىمىسى ئىشخانىسىنىڭ بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېيغا ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن خاس ۋەكىلى، كادىرلار مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باش مۇپەتتىشى، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ باشلىقى، باش مۇدىرى، پارتكوم شۇجىسى بولغان. 2011-يىلى 10-ئايدا، جۇڭگو سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەئىسى، پارتكوم شۇجىسى بولغان. 2011-يىلى 10-ئايدىن ھازىرغىچە، قوشۇمچە جۇڭگو خەلق بانكىسى پۇل سىياسىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. ج ك پ 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. (قىسقىچە تەرجىمىھالى مەنبەسى: سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتى تور بېكىتى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر