باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ تەيۋەنگە قارىتا خىلمۇ خىل ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرىدۇ

2017.04.10 14:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭنىڭ تەيۋەنگە قارىتىلغان خىزمەت يىغىنى 7-ئاپرېل ئېچىلدى. شىنجاڭ بۇ يىل تەيۋەن بىلەن بولغان ئىقتىساد-سودا، مائارىپ، ساياھەت، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ،خىلمۇ خىل ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرىدۇ.

  يىپەك يولى ئىقتىسادى بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايونى بولغان شىنجاڭ داۋاملىق تىرىشىپ، ئۆز يېرىنىڭ مول بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە كۆپ مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدە ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، تەيۋەنلىك سودىگەرلەر ئۈچۈن سەھنە ھازىرلاپ بېرىپ، قولايلىق شارائىت يارىتىپ، ئىككى يەرنىڭ كۆپ ساھەلىك ھەمكارلىقىدا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نۇرغۇن تەيۋەنلىك سودىگەرلەر «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتكە تايىنىپ شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈردى، ئىككى جاينىڭ كۆپ ساھەلىرىدە ئالماشتۇرۇش كۈنسېرى قويۇقلاشتى، ھەمكارلىق ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى.

  2016-يىلى 200 نەچچە تەيۋەن كارخانىسى شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 5-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلدى، كۆلىمى تارىختىكى ئەڭ چوڭ بولدى. تەيۋەندىن كەلگەن كۆزنى قاماشتۇرىدىغان خىلمۇ خىل تاۋارلار يىپەك يولى لىنىيەسىنى بويلاپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قانچە دۆلەتكە كىرگۈزۈلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر