باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ شەھىرى دورا بىلەن دوختۇر بېقىشقا خاتىمە بەردى

نومۇر ئېلىش، داۋالاش ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى, تېببىي مۇلازىمەت ھەققى تەسىس قىلىندى

2017.04.10 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھىرى 8-ئاپرېل نۆلدىن باشلاپ دوختۇرخانا بىلەن دورىنى ئايرىش ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، كېسەل كۆرگەن تۇنجى كۈنى مۇقىم، تەرتىپلىك بولدى. بېيجىڭ شەھەرلىك سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گاۋ شياۋجۈن مۇنداق دېدى: 8-ئاپرېل ئەتىگەن سائەت ئالتىگىچە، ئۇچۇر سىستېمىسى يوق كەنت دەرىجىلىك شىپاخانىدىن باشقا، 2605 داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ سىستېمىسى ئالماشتۇرۇلۇپ، ئۇچۇر سىستېمىسى %100 نورمال يۈرۈشتى.

  بېيجىڭ شەھىرى دوختۇرخانا بىلەن دورىنى ئايرىش ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، نومۇر ئېلىش ھەققى، داۋالاش ھەققى، دورىغا ئۈلۈش قوشۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، تېببىي مۇلازىمەت ھەققى تەسىس قىلدى، 435 تۈرلۈك داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ باھاسى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ تەڭشىلىدۇ. بۇ قېتىمقى باھا تەڭشەشتە كونكرېت جەھەتتىن نۇقتىلىق ھالدا كارىۋات، قاراش، ئوكۇل سېلىش، جۇڭگو تېبابىتى، ئوپېراتسىيە قاتارلىق تۈرلەرنىڭ باھاسى ئۆستۈرۈلۈپ، CT، يادرو ماگنىتلىق رېزونانس قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەرنىڭ تەكشۈرۈش تۈر باھاسى تۆۋەنلىتىلدى. ئىسلاھ قىلغاندىن كېيىن پۈتۈن شەھەرنىڭ داۋالىنىش خىراجىتى ئومۇمىي مىقدارى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولۇپ، ئاغرىقلارنىڭ خىراجەت سېلىقى ئومۇمىي جەھەتتىن ئاشمىدى.

  3-دەرىجىلىك دوختۇرخانىنىڭ تېببىي مۇلازىمەت ھەق ئۆلچىمى ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيەنىڭ 50 يۈەن بولۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە 40 يۈەن ئاتچوت قىلىدۇ؛ 2-دەرىجىلىك دوختۇرخانىنىڭ ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيەسى 30 يۈەن، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە 28 يۈەن ئاتچوت قىلىدۇ؛ 1-دەرىجىلىك دوختۇرخانىنىڭ 20 يۈەن، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە 19 يۈەن ئاتچوت قىلىدۇ. بېيجىڭ شەھەرلىك سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى فاڭ لەييىڭ مۇنداق دېدى: تېببىي مۇلازىمەت ھەققى تەسىس قىلىپ، دورىغا ئۈلۈش قوشۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، دوختۇرلارغا تولۇقلىما بېرىش بولماستىن، بەلكى پۈتۈنلەي يېڭى داۋالاش ئاپپاراتى تولۇقلىما مېخانىزمى ئورنىتىپ، دورا بىلەن دوختۇر بېقىشقا تەلتۆكۈس خاتىمە بېرىشتىن ئىبارەت.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر