باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2017-يىللىق تيەنجىن مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا، شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى U20 تۈرى بويىچە قوشۇمچە مۇسابىقە ئويناش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى

2017.04.07 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاپرىل چۈشتىن كېيىن، 2017- يىللىق تىيەنجىن مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسى ۋۇخەن مۇسابىقە رايونى ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭغا ۋەكىل بولۇپ قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كوماندىسى زاپاس ئەترىتى 2 گە قارشى 4 نەتىجە بىلەن گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، گۇرۇپپىنىڭ 2-سى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن قوشۇمچە مۇسابىقە ئويناش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

  تيەنجىن مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى U20 ياشلىقلار بۆلىكىدە شىنجاڭ كوماندىسى بېيجىڭ كوماندىسى، گۇاڭدۇڭ كوماندىسى ۋە يەنە ساھىبخان كوماندا خۇبېي كوماندىسى بىلەن بىرگە C گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، بۇ گۇرۇپپىدا بىرمۇ ئاجىز كوماندا يوق.

  قوشۇمچە مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ رەقىپلىرى ئايرىم-ئايرىم خېبىي كوماندىسى، جياڭسۇ كوماندىسى، سىچۈەن كوماندىسى بولۇپ، بۇ تۆت كوماندا تاق مەيدان ئايلانما مۇسابىقە شەكلى بويىچە مۇسابىقىلىشىدۇ، ئالدىنقى ئۈچ كوماندا ئاندىن كېيىنكى قېتىملىق مۇسابىقىگە كىرەلەيدۇ. قوشۇمچە مۇسابىقىگە نىسبەتەن، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ تىرېنىرى پولات مۇنداق دېدى: ئۈچ كوماندىنىڭ ھەممىسى كۈچلۈك كوماندا، شىنجاڭ كوماندىسى چوقۇم پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر